ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن: باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى چوقۇم تاماملايمىز

ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپانى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن مۇداپىئە قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ پىلاندىكىدەك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن: باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى چوقۇم تاماملايمىز
يوللاندى 01.05.2012 08:06:59 UTC
يېڭىلاندى 01.05.2012 13:18:19 UTC

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئاندېرس فوگ راسمۇسسېن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپانى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن مۇداپىئە قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ پىلاندىكىدەك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پېنتاگونغا مەسلىھەتكۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مۇداپىئە بىلىم كېڭىشى بىلەن ئامېرىكا مەجلىسىگە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك باشقارما تەرىپىدىن تەييارلاپ چىقىلغان دوكلاتتا، سىستېمىنىڭ تېخنىكىلىق مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقى، كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ۋە چىقىمىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

راسمۇسسېن بولسا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەنقىد قىلىنغان دوكلاتلارنىڭ ئەكسىچە، مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورنىتىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىستېمىنىڭ ئوڭۇشلۇق سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن راسمۇسسېن، كېلەر ئاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، سىستېمىنىڭ بارلىق تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش كاتىپ، سىستېمىنىڭ كەلگۈسىدە ناتوغا ئەزا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوغدىيالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر