يوللاندى 27.02.2012 09:20:34 UTC
يېڭىلاندى 27.02.2012 09:20:34 UTC
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەڭسىز ۋە ئاۋازسىز سۈرەتكە ئېلىنغان فىرانسىيە فىلىمى «The Artist»، مۇكاپات كېچىلىكىدە ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى.
كىنو – فىلىم دۇنياسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇكاپاتلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوس ئانگېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىم ئارقىلىق تارقىتىپ بېرىلدى.
بىللىي كرىستال دېكتورلۇق قىلغان مۇراسىمدا «The Artist» ئەڭ ياخشى فىلىم، ئەڭ ياخشى رىژېسسور، ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس كاتېگورىيىلىرى بولۇپ جەمئىي 6 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«The Artist» نىڭ رىژېسسورى مايكىل خازاناۋىجىيس ئەڭ ياخشى رىژېسسور، فىلىمدە باش رول ئالغان جىين دۇجاردىن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس تۈرىدە ئوسكار مۇكاپاتى ئالدى.
ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مارگارېت ساچىېرنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «تۆمۈر خانىش» ناملىق فىلىمىدە ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتكەن مېريل سترىپقا بېرىلدى.
ئەڭ ياخشى سېنارىيە تۈرى بويىچە ۋۇدي ئاللېنغا مۇكاپات بېرىلدى.
قونچاق فىلىم تۈرىدە ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى «رانگو» غا بېرىلدى.
قوشۇمچە ئارتىسلار كاتېگورىيەسىدە، «ياردەم» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان ئوكتاۋىيا سپېنسېر ئەڭ ياخشى قوشۇمچە ئايال ئارتىس، «Beginners» فىلىمىدە رول ئالغان كرىستوفېر پلاممېر ئەڭ ياخشى قوشۇمچە ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.