بەرق ئۇغۇرلۇ، ئەڭ ياخشى ۋاسكېتبولچىلارنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى

ياش ۋاسكېتبولچى بەرق ئۇغۇرلۇ، ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى ئون ماھىرىنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى.

بەرق ئۇغۇرلۇ، ئەڭ ياخشى ۋاسكېتبولچىلارنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى
يوللاندى 14.03.2012 13:17:20 UTC
يېڭىلاندى 14.03.2012 13:27:48 UTC

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياش ۋاسكېتبولچى بەرق ئۇغۇرلۇ، ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى ئون ماھىرىنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى.

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن جوردان براند كلاسسىك ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلغان بەرق ئۇغۇرلۇ، 1996- يىلى دۇنياغا كەلگەن 40 ماھىر ئىشتىراك قىلغان «بارلىق چولپانلار» ناملىق مۇسابىقىدە كۆرسەتكەن يۈكسەك ماھارىتى بىلەن ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر 10 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى.

ياش ماھىر، شۇنداق قىلىپ 11- ئاپرېلدىن 15- ئاپرېلغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چارلوتتې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جوردان براند خەلقئارالىق مۇسابقىسىگە ئىشتىراك قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

بۇ يىل 11- نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە تاللىنىدىغان ماھىرلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشلىرى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدىغان جوردان براند كلاسسىك لوڭقىسى، مەيلى شىمالىي كارولىنا، مەيلى دۇنيا مىقياسىدا بولسۇن، ئەڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ۋاسكېتبول ماھىرلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئۆزىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر