يوللاندى 26.03.2012 07:02:22 UTC
يېڭىلاندى 26.03.2012 07:02:22 UTC
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جەنۇبى كورېيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋام قىلماقتا.
باش مىنىستىر ئەردوغان، بىرىنچى بولۇپ جەنۇبى كورېيە پىرېزىدېنتى لى يۇن باك بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ.
كېلىشىم، تۈركىيەنىڭ يىراق شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بۇ دائىرىدە ئىمزالىغان تۇنجى كېلىشىمى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
باش مىنىستىر ئەردوغان يەنە ئۇردۇن (ئىئوردانىيە) پادىشاھى ئابدۇللاھ، چىلى پىرېزىدېنتى سېباستىن پىنېرا، پاكىستان باش مىنىستىرى يۇسۇف رىزا گىلانى، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىئو مونتى، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نەزەربايېۋ قاتارلىقلار دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.
باش مىنىستىر ئەردوغان، ئايرىم ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن يادرو خەۋپسىزلىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.