خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستاننىڭ شىمالىدا كۈچلۈك بوران 89 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۈچلۈك بوران ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن 89 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ يېڭى دېھلىدىكى ئايروپىلان قاتنىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىدى.
ھىندىستاننىڭ شىمالىدا كۈچلۈك بوران 89 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
2024-يىلى 12-ئاۋغۇست دۈشەنبە، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۇتتار پرادېش شىتاتىنىڭ پىراياگراج شەھىرىدە، ھىندىستانلىق بىر ساتقۇچى يامغۇردا قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتىدۇ [ئارخىپ سۈرەت]. / AP

دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، چارشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ نوپۇسى ئەڭ زىچ ئۆلكىسى بولغان ئۇتتار پرادېشنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا يامغۇر ۋە مۆلدۈر ئارىلاشقان كۈچلۈك بوران چىقىپ، 89 كىشى قازا قىلغان.

ھىندىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇ ئۆلكىدە، مارتتىن ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە مۇسسۇن يامغۇرلىرى ئېلىپ كېلىدىغان سالقىن ھاۋادىن بۇرۇن، بۇ خىل بوران-چاپقۇنلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈچلۈك بوراننىڭ تەسىرىدە دەرەخلەر يىلتىزىدىن قومۇرۇلغان، ئېلان تاختىلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن. شۇنداقلا، چاڭ-توزان ۋە ئۇچۇپ يۈرگەن ئەخلەت-پارچىلار ئارىسىدا يول بويىدىكى پەلەمپەيلەردە قويۇلغان ياغاچ ئۆي جاھازىلىرىنىڭمۇ ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار تاراتقۇلارغا: «بوران، چاقماق ۋە يامغۇر قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى تۈپەيلىدىن كەم دېگەندە 89 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بەزى كىشىلەرنىڭ دەرەخ ۋە ئۆي تاملىرىنىڭ بېسىۋېلىشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى، ئەمما قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئائىت تەپسىلاتلارنى تەمىنلىمىدى.

يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى X سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «مەمۇرىي ئەمەلدارلاردىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىۋاتىدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پايتەخت يېڭى دېھلىنىڭ بەزى رايونلىرىدىمۇ قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئىندىرا گەندى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى ئايروپىلان قاتنىشىنى توسالغۇغا ئۇچراتتى.

ئىزدىنىڭ
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى