خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پېنتاگون ئىراندا بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلماقتا
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى توقۇنۇشتا تاشلىنىدىغان كېيىنكى قەدەملەرگنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. پىلانلارنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچتا چەكلىك ھەرىكەتلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پېنتاگون ئىراندا بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلماقتا
پېنتاگون ئىراندا بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلماقتا / Reuters

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» (The Washington Post) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېنتاگون مىڭلىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يېقىن شەرققە ئەۋەتىلىشىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئىراندا بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن بولغان يوشۇرۇن قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن پىلانلارنى تەييارلىغان.

دائىرىلەر بۇ پىلانلارنىڭ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى تۆت ھەپتىسىدىن «كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە خەتەرلىك» بولغان «يېڭى بىر باسقۇچ» قا ئۆتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دائىرىلەر؛ ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش خاراكتېرىدە بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە مەخسۇس قىسىملار ۋە پىيادە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇللار بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەسكەرلەرنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (UAV)، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قۇرۇقلۇقتىن ئېچىلغان ئوق ۋە قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارغا دۇچار قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت (Karoline Leavitt): «باش قوماندانغا ئەڭ كۆپ تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش پېنتاگوننىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بۇ پىرېزىدېنتنىڭ بىر قارارغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى.

سۆھبەتتە، ئىراننىڭ مۇھىم نېفىت ئېكسپورت مەركىزى بولغان خارك ئارىلىنى نىشان قىلغان يوشۇرۇن ھەرىكەتلەر ۋە پاراخوت تىرانسىپورتىغا قارىتىلغان تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى قىرغاقلارغا زەربە بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

بەزى ئەمەلدارلار يوشۇرۇن ۋەزىپىلەرنىڭ «ئايلارچە ئەمەس، ھەپتىلەرچە» داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسا، يەنە بەزىلىرى «بىر قانچە ئاي» داۋاملىشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

ترامپ «ھېچقانداق يەرگە ئەسكەر ئەۋەتمەيمەن» دېگەن بولسىمۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو بۇنىڭ «ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇش بولمايدىغانلىقىنى» ۋە نىشانلارغا «قۇرۇقلۇق قوشۇنلىرىسىز» يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دائىرىلەر ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ئىران ئۇرۇشىدا، رايون مىقياسىدىكى ھۇجۇملاردا 13 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 300 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى باشلىغان ۋە بۈگۈنگە قەدەر دىنىي رەھبەر ئەلى خامىنىينىمۇ قوشقاندا 1300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىدىن بۇيان رايوننىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىران؛ ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان پارىس قولتۇقى ئەللىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت، يەر شارى بازارلىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iranian missiles slam Saudi base, 12 US troops wounded, several jets damaged
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى