سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
كاتماندۇ بىلەن بېيجىڭ 2017-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا دەسلەپكى كېلىشىمگە ئىمزا قويغانىدى.
00:00
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
#NKQ48 : Nepalliq Bosh Wəziri Xitaygha Səpərlər / AFP

نېپال «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» توغرىسىدا خىتاي بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، يەتتە يىل ئىلگىرى ئىمزالانغان دەسلەپكى كېلىشىمدىن كېيىن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانىكەن. بۇ يېڭى كېلىشىم تۈرلەر ئۈستىدە ھەمكارلىشىشنىڭ يولىنى ئاچىدىكەن.

باش مىنىستىر ك.پ. شارما ئولى ئىيۇل ئېيىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى دائىرىسىدە دۈشەنبە كۈنىدىن بېرى بېيجىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ئەنئەنىنى بۇزۇپ، نېپالنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى كۈچلۈك رىشتىسى بولغان يېڭى دېھلىنى قويۇپ، تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنى خىتايغا قىلدى.

نېپال بىلەن خىتاي 2017-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ، خىتاينىڭ قۇرۇلما ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى دۇنيا بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى»غا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى كېلىشىمگە ئىمزا قويغانىدى.

ئەمما، ھەمكارلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر رامكا پىروگرامما بەلگىلەنمىگەچكە ۋە نېپالنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلمىغاچقا، ئۆتكەن يەتتە يىل ئىچىدە ھېچقانداق تۈر پىلانلانمىدى ياكى باشلانمىدى.

قەرز ئەندىشىلىرى

چارشەنبە كۈنىدىكى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمدى تۈرلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى بويىچە ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ يول ياخشىلاش ۋە قاتناش كورىدورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە مەبلەغ ئۇسۇللىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ جەرياندا قەرز ئەندىشىلىرى ئولىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئىچىدە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى. ئولىنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسى بولغان نېپال كونگرېس پارتىيەسى قەرزلەر بىلەن مەبلەغلەندۈرۈلىدىغان ھەرقانداق تۈرگە قارشى تۇرماقتا.

نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ: «بۈگۈن <بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى> ھەمكارلىقى رامكا پىلانى› ئىمزالاندى» دېدى، ئەمما تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

خىتاي كاتماندۇنىڭ تەخمىنەن 125 كىلومېتىر غەربىدىكى نېپالنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى پوكخارادا خەلقئارالىق ئايرودۇرۇم قۇرۇش ئۈچۈن نېپالغا 216 مىليون دوللار قەرز بەردى. ئايرودۇرۇم ئۆتكەن يىلى ئىشقا كىرىشتى.

ئەمما، بېيجىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت بەلگىسى دەپ قاراۋاتقان خىتاي ياسىغان ئايرودۇرۇم، ھىندىستان بۇ ئايرودۇرۇمغا قونىدىغان ئايروپىلانلارغا ھاۋا بوشلۇقى رۇخسىتى بېرىشنى رەت قىلغاچقا، خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ ئازلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەش قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن