ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە نېفىت تىرانسپورتىنى چەكلەشتە ئامېرىكا ۋە G7 نىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى
دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى پىلانلىغان 20-نۆۋەتلىك جازا لايىھەسىدىكى ماس قەدەملىك جازالاش تەدبىرلىرىنى رەت قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە نېفىت تىرانسپورتىنى چەكلەشتە ئامېرىكا ۋە G7 نىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى
بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا كومىتېتى باش ئىشتابىنىڭ سىرتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بايراقلىرى لەپىلدەۋاتىدۇ. / Reuters

بېريۇسسېلدىكى بىر دىپلوماتىك مەنبەدىن دۈشەنبە كۈنى ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان 20-نۆۋەتلىك جازا لايىھەسى دائىرىسىدە، رۇسىيە نېفىت تىرانسپورتىنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى (G7) غا ئەزا دۆلەتلىرىدىن تەلەپ قىلغان ماس قەدەملىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن.

رۇسىيەنىڭ «تاس» (TASS) خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەنبەنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بېريۇسسېل دائىرىلىرى رۇسىيە نېفىت تىرانسپورتى ۋە ئۇنى ئاسراش ساھەلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كېڭەيتىش پىلانىنى ۋاشىنگتونغا ۋە باشقا يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىگە سۇنغان.

مەزكۇر دىپلوماتىك مەنبە مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا ۋە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىگە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنى توشۇشىنى، شۇنداقلا رۇسىيە نېفىتى توشۇۋاتقان نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ بايرىقىنى ئېسىپ يۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا رېمونت قىلىش، ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، پۇل-مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي چەكلەش تەكلىپىنى بەردى. ياۋروپا كومىتېتى شېرىكلىرىنىمۇ ئۆز شىركەتلىرىگە ئوخشاش چەكلىمىلەرنى يۈرگۈزۈشكە چاقىردى، ئەمما ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.»

مەنبە يەنە، ۋاشىنگتوننىڭ كەلگۈسىدە ئۆز شارائىتىغا ئاساسەن مۇستەقىل تەدبىر قوللىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، باشقا يەتتە دۆلەت گۇرۇھى شېرىكلىرىنىڭ بولسا جازالاش تەدبىرلىرىگە قاتنىشىشقا مايىللىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېنىق ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان، رۇسىيە ئىران، سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيەنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ جازاغا ئۇچرىغان دۆلەتكە ئايلاندى.

جازالاش تەدبىرلىرىنى كۆزىتىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە موسكۋاغا قارشى شەخسلەر، ئورگانلار، پاراخوتلار ۋە ئايروپىلانلارنى نىشان قىلغان 16 مىڭ 500 دىن ئارتۇق چەكلىمە تەدبىرى يۈرگۈزۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»