خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فرانسىيە ب د ت نىڭ لىۋاندىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى خالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2026-يىلى 8-ئايغىچە ئۇزارتىش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئۇزارتىشقا قارشى چىقتى.
فرانسىيە ب د ت نىڭ لىۋاندىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى خالايدۇ
فرانسىيە ب د ت نىڭ لىۋاندىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى خالايدۇ / Reuters

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشنى كۆزدە تۇتقان ھەمدە قىسىمنىڭ چېكىنىشى ئاخىرقى نىشانى بولغان قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.

ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا قارشى چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى. كېڭەشتە ۋېتو قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ۋاشىنگتوننىڭ لايىھەنى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىۋاندىكى ب د ت ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى (UNIFIL) نىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقاندا، «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدە باھا بەرمەيمىز» دېدى. 1978-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن چېكىنىشىنى نازارەت قىلىش ۋە لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا رايونىدا ھوقۇقىنى قايتا تىكلىشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ب د ت ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

تۇنجى قېتىم «رويتېرس» ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان لايىھە تېكىستىدە، « ب د ت ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2026-يىلى 31-ئاۋغۇستقىچە ئۇزارتىلىشى» كۆزدە تۇتۇلغان، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ چېكىنىشى ئۈستىدە ئىشلەش» مۇ مەقسەت قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Lebanon approves US proposal to disarm Hezbollah for 'truce with Israel'

بۇ، لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ «لىۋاننىڭ جەنۇبىدا بىخەتەرلىكنىڭ بىردىنبىر تەمىنلىگۈچىسى بولۇشى ۋە تەرەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىشى» شەرتىگە باغلىق بولىدۇ.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران قوللايدىغان ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ئاخىرلاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە، بېيرۇت ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلىشىشقا ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى.

لىۋان ھىزبۇللاھنى قورالسىزلاندۇرۇشتەك مۈشكۈل بىر مەسىلە بىلەن كۈرەش قىلماقتا. مىنىستىرلار كېڭىشى بۇ ئايدا، يىل ئاخىرىغىچە بۇ يۆنىلىشتە بىر پىلان تەييارلاش ئۈچۈن ئارمىيەگە ۋەزىپە تاپشۇردى. ئىران قوللايدىغان بۇ گۇرۇپپا بولسا بۇ تىرىشچانلىققا قارشى تۇرماقتا.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بويىچە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئىسرائىلىيە ئىستراتېگىيەلىك دەپ قارىغان بەزى رايونلاردا كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھۇجۇملىرىنى سۈردۈرمەكتە. ئىسرائىلىيە كۈچلىرى يەنە ب د ت تىنچلىق ساقلاش ئەسكەرلىرى (كۆك قالپاقلىقلار) بىلەن جىددىي توقۇنۇشلارنىمۇ سادىر قىلدى.

مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان لايىھە تېكىستىدە، «لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق چېگراغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىش ياكى ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش» كىمۇ چاقىرىق قىلىنغان.

كېڭەش ئەزالىرى AFP ئاگېنتلىقى كۆرگەن لايىھەنى دۈشەنبە كۈنى مۇزاكىرە قىلدى. 15 ئەزادىن تەركىب تاپقان كېڭەش، تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاي ئاخىرىدا ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن، لايىھەنى 25-ئاۋغۇستتا ئاۋازغا قويىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US envoy urges Israel to honour ceasefire commitments as Lebanon moves to disarm Hezbollah

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ