ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تۆۋەن سىجىللىقتىكى توقۇنۇشلار ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

ھىندىستان ئارمىيەسى پاكىستان تەرەپنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

The United Nations has urged the neighbours, who have fought multiple wars in the past, to show "maximum restraint". / AP

فىرانسىيەنىڭ (AFP) ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسى  مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئەسكەرلىرى تالاش-تارتىشلىق كەشمىر رايونىدا ئىككى دۆلەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان كونترول لىنىيەسىنى بويلاپ توقۇنۇشنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئارقا – ئارقىدىن بىر - بىرىگە ئوق چىقارغان. 

ھىندىستان ئارمىيەسى پاكىستان ھەربىي بازىلىرىنىڭ ھېچقانداق شەكىلدىكى قۇتراتقۇلۇق ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇشىغا قارىماي كەشمىردىكى كونترول لىنىيەسىنى بويلاپ يېنىك تىپتىكى قورال – ياراغلار بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ھىندىستان دائىرىلىرى: «ھىندىستان قىسىملىرى كىچىك تىپتىكى قورال – ياراغلار بىلەن پاكىستان تەرەپكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇردى» تەرىقىسىدە باياناتلارنى بەگەن، ھەمدە بۇ جەرياندا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ  مەزمۇنى ئۆزگىرىشچان خەۋەر بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ…