سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەزەربەيجان س ن ن خەۋىرىنى رەت قىلدى
ئەزەربەيجان ئۆز زېمىنىنىڭ ئىرانغا قارشى ئىسرائىلىيە ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى س ن ن (CNN) نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى.
ئەزەربەيجان س ن ن خەۋىرىنى رەت قىلدى
«ئەزەربەيجان ئۆز زېمىنىنىڭ بۇنداق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە ھەرگىز يول قويمىغان ۋە ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلدى. / AA

ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى س ن ن نىڭ خەۋىرىنى «يالغان ئۇچۇر» دەپ رەت قىلدى ھەمدە ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون مۇقىملىقى ۋە دوستانە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان ئامېرىكا بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆز زېمىنىدا ئىرانغا قارشى ھەربىي ۋە ئاخبارات (رازۋېدكا) ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغانلىقى ھەمدە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى س ن ن  خەۋىرىنى رەت قىلدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە (2026-يىلى 5-ئىيۇن) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ خەۋەرلەرنى «پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېدى ۋە س ن ن  نى مەزكۇر خەۋەرنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى.

مىنىستىرلىق بۇ خىلدىكى يالغان خەۋەرلەرنى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم رەت قىلغانلىقلىرىنى ۋە خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنىڭ س  ن ن غا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ھېچقانداق ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمەستىن، ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان مەنبەلەرگە تايانغانلىقى تەنقىد قىلىندى. شۇنداقلا، خەۋەردە ئەزەربەيجاننىڭ رسمىي جاۋابىغا سەل قارالغانلىقى، بۇنىڭ ئوبيېكتىپلىق ۋە كەسپىي ئاخباراتچىلىق پىرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «كۆپ قېتىم تەكىتلەنگىنىدەك، ئەزەربەيجان زېمىنىنىڭ ھەرقانداق بىر ئۈچىنچى دۆلەت تەرىپىدىن باشقا دۆلەتكە قارشى ھەربىي ھەرىكەت، ئاخبارات پائالىيىتى ياكى باشقا دۈشمەنلىك مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي ئاساسسىزدۇر. ئەزەربەيجان ئۆز زېمىنىنىڭ بۇنداق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە ھەرگىز يول قويمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ يول قويمايدۇ.»

باياناتتا، ئەزەربەيجاننىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش مەيدانى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى ۋە بۇ خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا بولغان يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

س ن ن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشى جەريانىدا، ئوتتۇرا شەرق بويىچە تېھرانغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئاسانلاشتۇرىدىغان مەخپىي بازىلار تورىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئەزەربەيجانغا ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ۋە ئاخبارات قىسىملىرىنى مەخپىي ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

س ن ن بۇ ئىشتىن خەۋەردار تۆت نامەلۇم كىشىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىراننىڭ شىمالىي چېگراسىغا يېقىن بىر قانچە ئورۇندىن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرگە قارىغاندا، ئالاھىدە جەڭچى قىسىملار يەنە بۇ رايوندا ئاخبارات توپلاش ۋە ئۇچقۇ ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرائىلىيەنى ئىراننىڭ شىمالىنى كۆزىتىدىغان ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كېيىن، رايون ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، پۈتكۈل رايوندا مۇقىمسىزلىق كۈچەيگەن ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى.

ئىران ئىسرائىلىيەگە ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان دۆلەتلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ مۇھىم يولى بولغان ھورمۇز بوغۇزىدىكى كېمە قاتنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

 تەرەپلەر ئارىسىدا كەڭ دائىرىلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran attacks Azerbaijan, Baku says it has right to retaliate
ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى