ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە 550 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى ئېلان قىلدى
ياپونىيە ۋاشىنگتون بىلەن تۈزگەن 550 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى سۈپىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئېنېرگىيە ۋە سانائەت تۈرلىرىگە 36 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ.
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە 550 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى ئېلان قىلدى
ئارخىپ سۈرىتى: ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي سىرتىدا ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بايراقلىرى لەپىلدەپ تۇرۇۋاتىدۇ. / Reuters

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى توكيونىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمى دائىرىسىدە ۋەدە قىلغان 550 مىليارد دوللارلىق غايەت زور سوممىنىڭ ياپونىيە تەرىپىدىن سېلىنىدىغان تۇنجى مەبلەغ تۈركۈمىنى ئېلان قىلدى. ئۈچ ئۇل-ئەسلىھە تۈرى ئۈچۈن 36 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش ۋەدىسى، ياپونىيە ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ تۆۋەن سودا تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن بېسىم ئاستىدا قالغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.

ترامپ «Truth Social» سۇپىسىدا: «ياپونىيە ئەمدى رەسمىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋەدە قىلغان 550 مىليارد دوللار دائىرىسىدىكى تۇنجى مەبلەغ سېلىش بولىقى بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ تۈرلەرنىڭ كۆلىمى شۇنچىلىك چوڭكى، ناھايىتى ئالاھىدە بىر سۆز بولمىسا بۇنى قىلغىلى بولمايتتى: تاموژنا بېجى» دەپ يازدى. بۇ بايانات، باش ۋەزىر سانائې تاكايچىنىڭ كېلەر ئاي ئاق سارايغا قىلىشى پىلانلانغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىندى. تاكايچى چارشەنبە كۈنى بۇ تۈرلەرنىڭ «ھالقىلىق مىنېراللار، ئېنېرگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل/سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ساھەلەردە چىداملىق تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

كاتتا سودا غەلىبىسى

تۈرلەر ئوھايو ئىشتاتىدىكى بىر تەبىئىي گاز ئەسلىھەسى، مېكسىكا قولتۇقىدىكى چوڭقۇر سۇ نېفىت ئېكسپورت ئەسلىھەسى ۋە بىرىكمە ئالماس ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك بەرگەن باياناتىدا، بۇلارغا «ئامېرىكا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان كاتتا سودا غەلىبىسى» دەپ باھا بەردى. لۇتنىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭى بولىدىغانلىقىنى ۋە 9.2 گىگاۋات توك ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تەخمىنەن 7.4 مىليون ئائىلىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لۇتنىك يەنە تەمىنلەش جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىرىكمە ئالماس پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئەمدى ئىمپورت قىلىشقا بېقىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياپونىيە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئامېرىكا بولسا ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكلەرگە، كېڭەيگەن سانائەت ئىقتىدارىغا ۋە كۈچەيگەن ئېنېرگىيە ھاكىمىيىتىگە ئېرىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاق ساراينىڭ قارىشىچە، توكيو 2029-يىلغىچە «يادرولۇق ئامېرىكا سانائىتىنى قايتا قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ساھەلىرى»گە 550 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلغانىدى. بۇ ۋەدە، ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەھدىت سېلىنغان %25 لىك تاموژنا بېجىنىڭ %15 كە چۈشۈرۈلۈشى بەدىلىگە بېرىلگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى