ئىسرائىلىيە ئايلارچە داۋاملاشقان تۇتۇپ تۇرۇش باسقۇچىدىن كېيىن، غەززەلىك 11 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى
پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.
مەھبۇسلار ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، غەززەدە تۇتقۇن قىلىنغان 11 نەپەر پەلەستىنلىك بىرنەچچە ئاي داۋاملاشقان تۇتۇپ تۇرۇش باسقۇچىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇتقۇنلار غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر چېگرا ئېغىزىدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قويۇپ بېرىلگەن پەيتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن. قويۇپ بېرىلگەنلەر سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەرىپىدىن غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەير ئەلبەلەھ شەھىرىگە جايلاشقان ئەقسا شېھىتلىرى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىك مەھبۇسلاردا ناچار مۇئامىلە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئېغىر يارىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئەھۋالنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىن - قىستاقلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.
ئىسرائىلىيە 13 – ئۆكتەبىردە ھاماس بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە، تەخمىنەن 1700 نەپىرى غەززەدىن بولۇپ، جەمئىي 2000 گە يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەنىدى. شۇ مەزگىلدە قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە قىيىن - قىستاق، ئاچارچىلىق ۋە ھاقارەتلىك مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھېلىھەم ئىسرائىلىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن - قىستاق، ئاچارچىلىق ۋە تىببىي جەھەتتىكى بىپەرۋالىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ناچار شارائىتلارنىڭ نۇرغۇنلىغان مەھبۇسنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.