تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە سودىنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى داۋاملىق باسىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇلغارىيەنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ، تەسەللىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.
ئەردوغان رادېۋنى 11–12-نويابىر كۈنلىرى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان COP31 (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»گە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ 31-نۆۋەتلىك باشلىقلار) يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.






















