خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتى ناھايىتى مۇھىم
رۇسىيە رايونلۇق جىددىيچىلىك داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە  باش مىنىستىر مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ «ناھايىتى مۇھىم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە: مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتى ناھايىتى مۇھىم
رۇسىيە: مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتى ناھايىتى مۇھىم / Reuters

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتى موسكۋانىڭ «چەكسىز» ھەمكارلىق دائىرىسىدە خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە  ساھەلىرىدە بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىشۇستىن ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا ئاساسلىقى غەربنىڭ بېسىملىرىغا قارىماي ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك ھەمكارلىق ھەققىدە مۇزاكىرە  ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

TASS خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستىر مىشۇستىننىڭ دۈشەنبە كۈنى خاڭجۇ شەھىرىدە لى چياڭ بىلەن دائىمىي ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈشى پىلانلانغان بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارىدىكەن.

خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى 2024-يىلى 8-ئايدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ يىغىندا لى چياڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىكى «يېڭى جۇشقۇنلۇق» ۋە «ھەرىكەتچانلىق» نى ماختىغان ئىدى.

«Interfax» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتىگە «ناھايىتى زور» ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مىشۇستىن ئارقىلىق شى جىنپىڭغا بىر سىگنال يوللاپ-يوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ 2022-يىلى 2-ئايدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن بۇرۇن، «چەكسىز» ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن بۇيان موسكۋا غەربنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يۈزلەنگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا رېكورت ياراتقان ئىككى تەرەپ سودىسى، يۈەن پۇلىنى ئىشلىتىش ۋە بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

 سودا ئىشلىرىنىڭ ئاستىلىشى

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەۋرىدە سودا ۋە تېخنولوگىيە مەسىلىلىرىدە يۈز بەرگەن ئامېرىكا – خىتاي جىددىيچىلىكلىرى ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال موسكۋا بىلەن بېيجىڭنى غەربنىڭ بېسىمىغا قارشى دۆلەتلەر ئارا سودىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈردى.

بىراق، يېقىنقى ئايلاردا خىتاي – رۇسىيە سودىسىدا تۆۋەنلەش كۆۈلدى. رۇسىيە سودا - سانائەت مىنىستىرى ئانتون ئەلىخانوۋ بۇ ئەھۋالنىڭ «تاشقى» ئىقتىسادىي بېسىملار ۋە رۇسىيەدە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان «بازارنىڭ ئاۋاتلىقى» نىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ 9-ئايدا يۈەن پۇلىدا رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتلىرى، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %21 تۆۋەنلەش بىلەن، يېقىنقى يەتتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چېكىنىشنى باشتىن كەچۈردى. بىراق، خىتاينىڭ رۇسىيەدىن قىلغان ئىمپورتى 9-ئايدا قايتا جانلىنىپ %3.8 ئاشتى. بۇ نىسبەت ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن %17.8 تۆۋەنلەشتىن كېيىن كېلىپ چىقتى.

TASS ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، قاتناش ۋە سانائەت ھەمكارلىقى، ئېنېرگىيە شېرىكلىكىنى كۈچەيتىش ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ھەم يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىدە كېڭەيتىلگەن ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

رۇسىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بازار شارائىتىغا تېخىمۇ ئاز بېقىنىدىغان بولغاچقا، موسكۋا بېيجىڭ بىلەن سانائەت ۋە تېخنولوگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ مۇقىم شەكلى دەپ قارايدىكەن.

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى، رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىمىترىي چېرنىشېنكو بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ نىڭبو شەھىرىدە بىر كومىتېت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا مىس ۋە نىكېل ئېكسپورتىدىكى ئېشىش ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېرىشىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى