گېرمانىيە بۇ يىل ئىسرائىلىيەگە ناھايىتى كۆپ قورال - ياراغ سېتىپ بەردى

گېرمانىيە بۇ يىل ئىسرائىلىيەگە كەم دېگەندە 131 مىليون ياۋرولۇق قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلدى.

گېرمانىيە / Others

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ساھرا ۋاگېنكنېخت ئىتتىپاقىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 23 مىليون 600 مىڭ ياۋرو قىممىتىدىكى قورال – ياراغلارنى سېتىپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان.

گېرمانىيە ئىسرائىلىيەگە بۇ يىل نويابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە كەم دېگەندە 131 مىليون ياۋرولۇق قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلغان.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بولسا ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتىلگەن قورال - ياراغ سىستېمىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ئەڭ ئاخىر قېتىم فېۋرال ئېيىدا تەستىقلانغان ئىسرائىلىيەگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنىڭ كىچىك  تىپتىكى قورال – ياراغلاردىن سىرت يەنە، تانكىلار ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەدە ئىسرائىلىيەگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشلارمۇ بولۇۋاتىدۇ.

 لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى نىكاراگۇئانىڭ گېرمانىيەنى قورال - ياراغ ئېكسپورتى سەۋەبلىك «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا جىنايەت شېرىكلىكى قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ گېرمانىيە ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى لاھەيدىكى خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىدە كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشىنى كۈتمەكتە.