جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتىجۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

 جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رايوندىكى توقۇنۇش جەريانىدا ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى قارارىنى ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەش دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە پىكىر ئىختىلاپى بار مەسىلىلەردە مۇۋاپىق بىر چارە تېپىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى تەييارلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەردوغان يەنە ئالدىنقى كۈنى سان دىياگو شەھىرىدىكى بىر جامەگە قىلىنغان رەزىل ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا تەزىيە بىلدۈرگەن؛ تۈركىيەنىڭ قايسى دىنىي گۇرۇپپىغا قاراتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خىل ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ