سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي: فىلىپپىننىڭ دەۋالىرى كۆز بويامچىلىق
خىتاي فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا ئالاقىدار دەۋالىرىنى «كۆز بويامچىلىق» دەپ ئاتاپ رەت قىلدى.
خىتاي: فىلىپپىننىڭ دەۋالىرى كۆز بويامچىلىق
خىتاي: فىلىپپىننىڭ دەۋالىرى كۆز بويامچىلىق / AP

بېيجىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىدا «دېڭىز تەۋەلىكى ھوقۇق دائىرىسى» دېگەن ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مانىلانى قانۇنىي ئاتالغۇلارنى قەستەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

خىتاي فىلىپپىن دۆلەتلىك دېڭىز ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى باياناتىنى «ئاساسسىز ۋە كۆز بويامچىلىق» دەپ سۈپەتلەپ رەت قىلدى. بۇ ھەقتە خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى سەيشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلدى.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» (Global Times) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى (UNCLOS) دە «دېڭىز رايونى» دەيدىغان ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلچىخانا مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ تېررىتورىيەلىك دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قاتارلىق بىرنەچچە قانۇنىي تۈزۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، فىلىپپىننىڭ بولسا بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قەستەن مۈجمەللەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەلچىخانا باياناتچىسى: «فىلىپپىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تېررىتورىيەلىك دېڭىز تەۋەلىكى بىلەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئۇقۇملىرىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، جەمئىيەتنى خاتا يۆنىلىشكە باشلاۋاتىدۇ» دېگەن.

دۈشەنبە كۈنى، فىلىپپىن دۆلەتلىك دېڭىز ئىشلىرى كېڭىشى غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ خىتاينىڭ «قانۇنسىز، زورلۇق - زومبۇلۇق، تاجاۋۇزچىلىق ۋە كۆز بويامچىلىق» پائالىيەتلىرى تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ «مانىلا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەن دەۋاسىنى رەت قىلغان ئىدى.

كېڭەش فىلىپپىنلىق بېلىقچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ئىچىدە قانۇنلۇق ھالدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كېڭەشنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«بۇ ھەرىكەتلەر يوللۇقتۇر، قانۇنلۇقتۇر، خەلقئارا قانۇنغا، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى (UNCLOS) ۋە 2016-يىللىق كېسىم قارارىغا ئۇيغۇندۇر.»

كېڭەش يەنە خىتايدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى ۋە 2016-يىللىق كېسىم قارارىغا رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

لاھېي سوت مەھكىمىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بىر كېسىم سوتىنىڭ 2016-يىلى چىقارغان قارارىدا، بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى كەڭ كۆلەملىك دەۋالىرى رەت قىلىنغان ۋە فىلىپپىننىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى ئىچىدىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى بېكىتىلگەن ئىدى. خىتاي بولسا سوتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر قارارنى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپلا رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ