خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە بىلەن ئۇكرائىنا ب د ت يىغىنى جەريانىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
زېلېنىسكىي ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى باياناتنى ئىمزالىغانلىقىنى ھەمدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىستىقباللىق ساھەلەر ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.
سۈرىيە بىلەن ئۇكرائىنا ب د ت يىغىنى جەريانىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
سۈرىيە بىلەن ئۇكرائىنا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى / AA

سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي نيۇيوركتىكى 80-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۈرىيە - ئۇكرائىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى قىسقىلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ھەسەن شەيبانى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى بىر ئۆمەكنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنىسكىي ئۇكرائىنا بىلەن سۈرىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى باياناتنى ئىمزالىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە X سۇپىسىدا: «بۇ مۇھىم قەدەمنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىمىز ۋە سۈرىيە خەلقىنى مۇقىملىق يولىدا قوللاشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە: «سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدە، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىستىقباللىق ساھەلەر، ھەر ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى ۋە بۇلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

زېلېنىسكىي ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنا 2022-يىلى سۈرىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەنى قوللايدىغان بۆلگۈنچى دونېتسكى ۋە لۇگانسكى جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن، سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.

پىرېزىدېنت شارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇنبىرىدىن يىللاردىن بۇيان يىراق تۇرۇپ كەلگەن سۈرىيەگە ۋاكالىتەن يىللىق ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى بىر قانچە مىنىستىر بىلەن بىرگە نيۇيوركقا كەلدى.

شارا چارشەنبە كۈنى ئومۇمىي كېڭەشتىكى تۇنجى نۇتقىدا خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

شارا - ترامپ ئۇچرىشىشى

سۈرىيە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى— سانا  شارانىڭ نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سانا خەۋەر ئاگېنتلىقى شارانىڭ ترامپ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېنىدا بىرىنچى خانىم مېلانىيا ترامپمۇ بولغان بىر پارچە سۈرەتنى ئېلان قىلغاندىن باشقا ئۇچرىشىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.

بۇ، ئىككى رەھبەرنىڭ ماي ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى