تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنقەرەدە ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنقەرەدە ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنقەرەدە ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنقەرەدە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى خەلىل ئەلھايا باشچىلىقىدىكى ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىرلىق چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، خاقان فىدان بىلەن ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ غەززەدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇزاكىرىلەردە غەززە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئالاقىدار پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى «ھەر قانداق مۇنبەردە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە» داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغان غەززەدە تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قامداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بولسا ئوۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ۋە خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مېھمان ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئۆتۈشكە توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە، غەززەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ %60 تىنىڭ سودا ماللىرىنى توشۇيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، رايونغا كىرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مىقدارىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلارنى قامداشتىن تېخىچە ئىنتايىن يىراق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھاماس ۋەكىللىرى ئالاھىدە تۈردە ئاساسىي ئېھتىياج بۇيۇملىرى، دورا-دەرمەك، پاناھلىنىش ماتېرىياللىرى ۋە يېقىلغۇ مەسىلىسىدىكى قىسچىلىقلار تەرەپكە دىققەت تارتتى.

يىغىندا يەنە پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان يارىشىش مۇساپىسىدىكى تەرەققىياتلار ۋە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

سۆھبەت جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا سادىر قىلىۋاتقان قىلمىشلىرى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» دەپ سۈپەتلەندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye’s intelligence chief meets with Hamas delegation over Gaza ceasefire
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى