خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي غەززەدە «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرىقىنى جىددىي تەكرارلىدى
ۋاڭ يى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش تىرىشچانلىقىنى ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قاراتقان «قوشۇۋېلىش» ئۇرۇنۇشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ «خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكىنى» بىلدۈردى.
خىتاي غەززەدە «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرىقىنى جىددىي تەكرارلىدى
خىتاي غەززەدە «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش» چاقىرىقىنى جىددىي تەكرارلىدى / Reuters

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززەدە «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ شەنبە كۈنى كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن غەززەدە «ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» نىڭ «ئەڭ جىددىي بۇرچ» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ يى بۇ سۆزنى بېيجىڭدا ماراكەشلىك مەنسەپدېشى ناسىر بۇرېتا بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىندىكى نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىشكە چاقىردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Progressive caucus backs historic bill to halt US arms to Israel over Gaza atrocities

ئۇ ئىسرائىلىيەگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەرنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ «پەلەستىننى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىدارە قىلىشى» پىرىنسىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ پەلەستىننىڭ «ئۆتۈنۈپ بېرىلمەيدىغان زېمىنى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى باشقۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ يى پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەل قىلىش چارىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ يى غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى «قوشۇۋېلىش» ئۇرۇنۇشلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ «خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكىنى» ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋاڭ يى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى، پەلەستىننىڭمۇ ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ «قوش ئۆلچەم» نى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ۋە ئەرەبلەرنىڭ ھاياتىنىڭ ئوخشاشلا قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ پەقەت نەپرەتنى قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاڭ يى يەنە خىتاينىڭ پەلەستىننىڭ «ئادىل داۋاسى» نى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ب د ت قارارلىرى بىلەن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا مەڭگۈلۈك ۋە ئادىل ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ