ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالغان دۆلەتلەرگە «تېخىمۇ ئېغىر» قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈلىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالغان دۆلەتلەرگە قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايمۇ بۇ نىشانغا دۇچ كېلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ترامپ: رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالغان دۆلەتلەرگە «تېخىمۇ ئېغىر» قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈلىدۇ
ترامپ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستانغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، «تېخىمۇ كۆپ» قوشۇمچە جازالارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستانغا قارىتا يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە نېفىتىنى داۋاملىق سېتىۋېلىۋاتقان دۆلەتلەرگە «تېخىمۇ ئېغىر» قوشۇمچە جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «سىلەر تېخىمۇ كۆپ جازالارنى كۆرىسىلەر. كۆپلىگەن قوشۇمچە جازالار يولغا قويۇلىدۇ» دېدى ۋە خىتاينىڭمۇ نىشاندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

ئۇ «بېيجىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرگە دۇچ كېلەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا، «ئەلۋەتتە، ۋەزىيەتكە قاراپ باقايلى. شۇنداق بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ۋە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا سۆھبەتلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى.

ترامپ شۇ كۈنى يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە خام نېفىتىنى «ئۈزلۈكسىز قايتا سېتىپ، پايدا ئېلىش» ھەرىكىتىگە قارىتا، ھىندىستاننىڭ ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە %25 تاموژنا بېجى يۈرگۈزىدىغان بىر پەرمانغا ئىمزا قويدى.

مەزكۇر باجلارنىڭ 21 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پەرماندا يەنە، رۇسىيە نېفىتىنى «بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك» ھالدا ئىمپورت قىلىدىغان باشقا دۆلەتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋەزىپىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋە خەزىنە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنتقا تاپشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ بايانات ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن موسكۋاغا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئەتىسى، ترامپنىڭ «بۇ مەسىلىدە بىر قارارغا كېلىمىز» دېيىشىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
قىرغىزىستان تۇنجى مىللىي سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار