تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان ب د ت نى «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ياردەمگە ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش»كە چاقىردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا غەززەنىڭ بىر «يىغىۋېلىش لاگېرى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى...
خاقان فىدان ب د ت نى «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ياردەمگە ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش»كە چاقىردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ب د ت دا غەززەنىڭ بىر «يىغىۋېلىش لاگېرى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا غەززەنىڭ بىر «يىغىۋېلىش لاگېرى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى، پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشى ۋە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ رايونغا يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە چاقىردى.

خاقان فىدان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كەسكىن ئەيىبلىدى. فىدان، توقۇنۇشنىڭ رايوننى بىر «يىغىۋېلىش لاگېرى»غا ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنى پۇقرالارنى سىستېمىلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

فىدان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولغان پەيتلەردە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى قىلچىمۇ پەسەيمەستىن داۋاملاشماقتا. غەززەدە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بەرمەكتە.»

كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشكە مەجبۇرلاش، ئومۇميۈزلۈك ۋەيرانچىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ قەستەن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ياردەم تارقىتىش نۇقتىلىرىدا يېمەكلىك ۋە سۇغا ئېرىشىش ئۇرۇنۇۋاتقان پۇقرالار، قارا-قويۇق ئۆلتۈرۈلمەكتە. ئاچارچىلىق بىر ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە» دېدى.

«نەپرەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان ماشىنا»

فىدان ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئائىلىڭىز ئۈچۈن سۇ توشۇۋاتقان بالا بولۇڭ، مەيلى پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن يېمەكلىك ئىزدەۋاتقان ئانا بولۇڭ، ئەھۋالنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق، سىز ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالىسىز.»

غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ دۇنياۋى ئەخلاقىي ئىرادىنىڭ بىر سىنىقىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان، «بەزىلەر كۆرمەسكە سېلىشنى تاللىماقتا. بۇ ئەھۋال بۇنداق داۋاملاشسا بولمايدۇ» دېدى.

مىنىستىر فىدان پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭلا ئۈنۈملۈك، تەرەپسىز ۋە ئىززەت-ھۆرمەتلىك ياردەم يەتكۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بولغان ئىنسانلىق، تەرەپسىزلىك، كەمسىتمەسلىك ۋە مۇستەقىللىق قاتارلىق پىرىنسىپلار چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك توقۇنۇش خەۋپى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ رايوندا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك توقۇنۇش خەۋپى پەيدا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان فىدان، «ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىق ئىستراتېگىيەسىنى پەقەت پەلەستىندىلا ئەمەس، بەلكى لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىراندا يولغا قويۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ زور بەدەللەرنى تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن ئاجىز تىنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىدان خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قېلىشىنى توسۇشقا چاقىرىپ، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ خەلقئارادا تولۇق ئېتىراپ قىلىنىشىغا ۋە ب د ت غا ئەزا بولۇشىغا بولغان قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، «بۇ، ئوتتۇرا شەرقتە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

فىدان سۆزىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارىتا كەسكىن تەنقىدلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر ھەقىقەت ئىنتايىن ئېنىق: خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەقەت غەززە خەلقىنىلا ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويمىدى، بەلكى ئىنسانلىق ئىززەت-ھۆرمىتىنىمۇ يەرگە ئۇردى. غەززەدىكى كىرىزىس ئىنسانپەرۋەرلىك جىددىي ئەھۋالى بولۇش دەرىجىسىدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. بۇ ئەمدى كوللېكتىپ ئىنسانىيىتىمىزنىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر تەۋرىتىۋاتقان بىر سىناقتۇر.»

«قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىنتايىن ئېنىق: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ماشىنىسىنى توختىتىش؛ جازاسىز قېلىشقا خاتىمە بېرىش؛ دەرھال ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش، دەل ھازىر! توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، دەل ھازىر! ئىككى دۆلەت ھەل قىلىش چارىسىغا قارىتا يېڭىلانغان ۋە جىددىي بىر ۋەدە، دەل ھازىر!»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى