خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى UCM غا قاراتقان ئېمبارگولىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ناۋى پىللاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە يۈزلەپ خىزمەتچىنىڭ ئۆزىنى تەھدىت ئاستىدا ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، سابىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  كشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە سوتچى ناۋى پىللاي، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) گە قارىتىلغان ئېمبارگولىرىنى «مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان» دەپ ئاتىدى.

پىللاي شەنبە كۈنى ئوسلودىكى نوبېل تىنچلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە نۈرنبېرگدىن سىن باغلىنىشى ئارقىلىق قاتناشتى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ، بولۇپمۇ خاراگدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ كەلگۈسىگە ئائىت چوڭ بىر جىددىيچىلىك ۋە ئەندىشەنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پىللاي، سوت مەھكىمىسىدە يۈزلەپ خىزمەتچىنىڭ ئۆزىنى تەھدىت ئاستىدا ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

85 ياشلىق جەنۇبىي ئافرىقىلىق قانۇنشۇناس: «ئەڭ مۇھىمى، بىر دۆلەتنىڭ سوتچىلارغا پەقەت بەرگەن سوت قارارلىرى سەۋەبىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزىشىدۇر. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋال» دېدى.

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى ئىلگىرى Uخەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن پىللاينىڭ بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە، پىللايغا مۇكاپات بېرىلىشىنى ئەيىبلىدى.

مۇكاپات ئېلان قىلىنغاندىن بىر نەچچە سائەت كېيىن ئامېرىكا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) گە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى. قارار، سوت مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە ب د ت تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ «تىزگىنىدىن چىقىپ كەتكەن بىر سوت مەھكىمىسى» دەپ ئاتىغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) بىلەن پۇل-مۇئامىلە مۇئامىلىلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خاراگ مەركەزلىك سوت مەھكىمىسىگە قارشى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ يېڭى بىر قەدىمى بولدى.

 

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) بولسا ئېمبارگولارنى خەلقئارا قانۇنغا قىلىنغان ھۇجۇم دەپ ئاتاپ، «تارىخ بۇ دەۋرنى سوت قىلىدۇ» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلدى.

پىللاي، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) دىكى ۋەزىپىسىدىن باشقا 2008-2014-يىللىرى ب د ت كشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنى قىلغان شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى نەتىجىنى چىقارغان ب د ت مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىغا رەئىسلىك قىلغان.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ پىللايغا مۇكاپات بېرىلىشىنىڭ نوبېل كومىتېتىنىڭ «ئەخلاقىي قۇبۇلناملارنى يوقاتقانلىقى» نى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي ئافرىقىلىق قانۇنشۇناسنى « تەشەببۇسكارلىقتىن يىراق» دەپ ئاتىىدى.

ئۆتكەن ئاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (UCM) گە ئەزا دۆلەتلەرگە سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلىش چاقىرىقى قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ نوبېل كومىتېتىنىڭ قارارىنى «شەرەپسىز ۋە يۈز قارىسى» دەپ ئەيىبلىدى.

ترامپ نيۇ-يورك ئىشتاتىنىڭ سىراكۇس شەھىرىدە قوللىغۇچىلىرىغا قىلغان سۆزىدە، پىللاينىڭ ئىسمىنى ئىلگىرى ھېچقاچان ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump calls Nobel Peace Prize pick 'disgraceful', says Norway bears 'indelible stain' for snub


 

ئىزدىنىڭ
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2036-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ توققۇز ئايلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە تولۇق خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ دوختۇرخانىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى