ئىستانبۇلدا 6.2 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھېچقانداق ماددىي زىيان كۆرۈلمىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پۇقرالىرىمىزدىن ھال سورايمەن، ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى.
تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۈركىيەدە مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى ناھىيەسى بولغان 6.2 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.
يەر تەۋرەش چارشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:49 دە يۈز بەرگەن. ئىستانبۇلنىڭ ھەممە جايلىرىدا ۋە ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردە كۈچلۈك ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەش پۇقرالارنىڭ قورقۇپ بىنالاردىن سىرتقا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
يەنە بىر 4.9 بال يەر تەۋرەش سائەت 13:02 دە بۈيۈكچەكمەجە ئەتراپىدىكى مارمارا دېڭىزىدا يۈز بەرگەن.
يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە ياردەم گۇرۇپپىلىرى سەپەرۋەر قىلىنغان، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كېلىپ چىققان ماددىي زىيانلارنى بېكىتىش ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ساھە تەكشۈرۈشلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى ياردەم گۇرۇپپىلىرى ۋەزىيەتنى پائال كۆزىتىپ، ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.
ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ياكى چوڭ كۆلەمدىكى ماددىي زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىپ چىقمىغانلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.