تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى كونفېرانسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا: «ئەزايىمىز پەلەستىننىڭ ھوقۇقىنى قوللاش، داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز كېرەك. مۇقىم ھەل قىلىش چارىسى 1967-يىللىق چېگرا لىنىيەلىرى ئاساسىدا، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.
خاقان فىدان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋاكالىتەن باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ ئاسىيانىڭ يۈكسىلىشى گەۋدىلەنگەن بىر دەۋردە، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى كونفېرانسىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كونفېرانسنى ئاسىيانىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك خەۋپسىزلىك مۇنبىرى سۈپىتىدە كۈچەيتىشكە بەل باغلىدۇق. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىرانسپورت مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئېنېرگىيە كارىدورلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكنى كۈچەيتىشىمىز، ئۆزئارا باغلىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.»
دۇنيادا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان كىرىزىسلارنىڭ خەلقئارالىق سۇپىلاردا ئېنىقسىزلىقنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن فىدان، ئورتاق مەسىلىلەرگە كوللېكتىپ ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ ھازىر ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان خاقان فىدان، تىنچلىق ۋە ئۆزئارا ئىشەنچكە سادىق بولۇشنىڭ ھەربىر ئەزا دۆلەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى كونفېرانسى ئەزاسى بولغان ئىسرائىلىيە سىستېمىلىق بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بىز بۇ ساداقەتنى داۋاملاشتۇرالمايمىز.»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يەنە، پۈتۈن قىتئە مىقياسىدا سىجىل تىنچلىق ۋە كۈنسېرى ئېشىۋاتقان پاراۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى كونفېرانسى ئۈچۈن ئوچۇق ۋە ئېنىق بىر يول خەرىتىسىنىڭ سىزىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


















