جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى.
تۈركىيە جايلاشقان رايوندىكى توقۇنۇش نۇقتىلىرىغا ھەر كۈنى يېڭىلىرىنىڭ قوشۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى:
«لىۋاندىن يەمەن ۋە ئىرانغىچە سوزۇلغان رايوندا جىددىيچىلىك كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ ۋاكالەتچى كۈچلەر ئارقىلىق تۈرلۈك ھېساب-كىتابلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇلماقتا. تۈركىيە خېلىدىن بۇيان ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان كىرىزىس بەلبېغىغا قارىماي، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە خاتىرجەملىك ئارىلى بولۇش ئورنىنى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملىمەكتە.
بىز رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مەسئۇلىيىتىنى رايون دۆلەتلىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن چۈشەنچە بىلەن، ئىختىلاپلارنى جەڭ مەيدانىدا ئەمەس، سۆھبەت ئۈستىلىدە دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ياقلايمىز. ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسلىق پىرىنسىپىمىزدۇر. بىزنىڭچە، بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش پەقەت رايونىمىزنى قان كۆلىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان رەزىل كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن، ھۇسىيلارنىڭ 10-ئۆكتەبىردە رىيادتىكى پادىشاھ خالىد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قارىتىپ، 12 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 309 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇملىرىنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە لەنەتلەيمىز. ئارىسىدا ئۆمرە زىيارىتىگە بارغانلارمۇ بولغان مەرھۇم قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەرھەمەت، يارىلانغان قېرىنداشلىرىمىزغا تېز شىپالىق تىلەيمىز. تۈركىيە قانۇنغا ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھۇجۇملار ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە سەئۇدى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.»
ئەردوغان تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا 7-ئاۋغۇستتا ئىمزالانغان ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



















