تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «دۇنيا سودىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەمكارلىق ۋە سىجىل تەمىنلەش زەنجىرى زۆرۈر»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر ئۈچۈن قەرز قۇرۇلمىسىنى قايتا تەشكىللەش جەريانىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى ئاساس قىلغان ئۇسۇلنىڭ قوللىنىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: «دۇنيا سودىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەمكارلىق ۋە سىجىل تەمىنلەش زەنجىرى زۆرۈر»
ئەردوغان: «دۇنيا سودىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەمكارلىق ۋە سىجىل تەمىنلەش زەنجىرى زۆرۈر» / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى دۇنيا سودىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان خەلقئارالىق ھەمكارلىق، سىجىل تەمىنلەش زەنجىرى ۋە يېڭى سىياسەت قوراللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

شەنبە كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنىڭ پەقەت تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، سودىنىڭ دۇنياۋى ئېشىشقا قوشىدىغان تۆھپىسىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «بىز خەلقئارا سودا قائىدىلىرىنى تەرەققىياتنى قوللايدىغان شەكىلدە كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئالاھىدە ۋە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىغا بولغان ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلەشنى مۇھىم دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەردوغان دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمىي قەرز نىسبىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 324 پىرسەنتىگە يەتكەنلىكىنى، تۈركىيەدە بولسا بۇ نىسبەتنىڭ تەخمىنەن 89 پىرسەنت ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«بۇ بىر قەدەر تۆۋەن قەرزدار بولۇش سەۋىيەسى بىزگە ھەم قۇرۇلمىلىق ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ھەم مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن قوشۇمچە بايلىق ئاجرىتىش جەھەتتە مۇھىم مالىيە بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن تۆۋەن كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە بۇنداق ئەۋزەللىك يوق»

«بۇ دۆلەتلەر ئەمەلىيەتتە يۇقىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى بىلەن تارىيىۋاتقان مالىيە بوشلۇقى ئارىسىدا قاپسىلىپ قالدى» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قەرز قۇرۇلمىسىنى قايتا تەشكىللەش جەريانىدا، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر ئۈچۈن ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئاساس قىلغان بىر ئۇسۇلنى قوبۇل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ يەنە: «مەن پۈتكۈل گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنى ھېچكىم تاشلىنىپ قالمايدىغان تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان دۇنياۋى ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

«ئىنسانىي مەسئۇلىيەت»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2024-يىلى 9 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان دۇنياۋى ئومۇمىي تەرەققىيات ياردىمىنىڭ 2025-يىلى 17 پىرسەنتكىچە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ ئافرىقا ئۈچۈن «چوڭ يوقىتىش» تىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يەرلىك بايلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردە سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شەنبە كۈنى باشلانغان ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ جىددىي خىرىسلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىككى كۈنلۈك باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن يوھاننېسبۇرگدا يىغىنغا قاتناشماقتا.

جۇمھۇر رەئىس نۇتۇقىدا تۈركىيەنىڭ «قوشنىمىز ئاچ ئىكەن بىز توق ياتمايمىز» دېگەن چۈشەنچە بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران جۇمھۇر رەئىسنىڭ نۇتقىدىن كېيىن توردا بايانات ئېلان قىلدى.

دۇران تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى NSosyal دا: «بۇ خىل ئۇسۇل تۈركىيەنىڭ پەقەت رايونلۇقلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى ھەمكارلىقنىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى» دېدى.

ئۇ يەنە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقلار تېز ئۆزگىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، «ئىنسانىي مەسئۇلىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان» بۇ سىياسەتنىڭ ئەنقەرەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىغا تۆھپە قوشىدىغان ئۈلگىلىك بىر ئەندىزە يارىتىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ