خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە مەسئۇللىرى، لوس ئانژېلېستىكى ئادەم ئۆلۈش بىلەن ئاخىرلاشقان ئاپتوبۇس ۋەقەسىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بىر تىك ئۇچارنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە.
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى
لوس ئانژېلېستا تىك ئۇچار ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى / AP

لوس ئانژېلېس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە ئاخشىمى لوس ئانژېلېسنىڭ چاتسۋورت (Chatsworth) مەھەللىسىدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، كۆيۈشكە باشلىغان. ۋەقەدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر كىشى بولسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر ئىدارە ئېلان قىلغان باياناتتا: «تۆت كىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى. ئۈچ كىشىنىڭ نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بېكىتىلدى. ئەھۋالى ئېنىق بولمىغان يەنە بىر كىشى بولسا يەرلىك بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى ئورگىنى بىلەن فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.

يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇرۇن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، NBC Los Angeles   ۋە KNBC-TV گە تەۋە تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا، كەم دېگەندە ئىككى كىشى قازا قىلغان چوڭ بىر ئاپتوبۇس ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، رايوننىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى.

لوس ئانژېلېس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى براندېن سىلۋېرمان مۇخبىرلارغا، بۇنىڭ بىر خەۋەر ئۇچىرى بولۇشى توغرىسىدا مۆلچەردە بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، «چۈنكى بۇنى تېخى جەزملەشتۈرمىگەنلىكىنى» ئېيتتى.

لوس ئانژېلېس ساقچى ئىدارىسى بولسا تىك ئۇچارنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pilot, co-pilot killed in LaGuardia runway collision: US media
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ