تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا ئەردوغاننى كۈتۈۋالىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇناسىۋەت ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئىككى رەھبەرنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوغان ئىلگىرىكى بىر باياناتىدا: «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىمىزنىڭ، ئورتاق يەرشارىۋى تىنچلىق نىشانىمىز دائىرىسىدە رايونىمىزدىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنى توختىتىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەنىدى.

ئەردوغان بۇ يىللىق ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان نيۇيورك شەھىرىدە، سەيشەنبە كۈنى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيا ترامپ تەرىپىدىن دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئۆتكۈزۈلگەن بىر زىياپەتكە قاتناشتى.

ئەردوغان يەنە سەيشەنبە كۈنى ترامپ بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەززە مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك يىغىنغا قاتناشتى.

مەزكۇر يېپىق يىغىن ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى، ئەمما ئەردوغان يىغىندىن كېيىن سۆھبەتنىڭ «ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە ئىجابىي» بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلىدى.

ئەردوغان نيۇيوركتىكى تۈرك دىپلوماتىيە مەركىزى بولغان «تۈرك ئۆيى» ئالدىدا مۇخبىرلارغا: «بىز ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە گۈزەل بىر يىغىننى تاماملىدۇق. نەتىجىسى خەيرلىك بولسۇن» دېدى.

ئەردوغان ۋاشىنگتوندا تۇرغان مەزگىلىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ رەسمىي مېھمانخانىسى بولغان «بلېيىر ئۆيى» دە تۇرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى مۇقەددەس كۈرىشىدىن ھېچكىم ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ
تاشقى ئىشلار باياناتچىسى كەچەلى گرېتسىيە ھەققىدە توختالدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «خەلقئارا جەمئىيەت نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانلىرىغا ئىشەنمەيدۇ»
تۈركىيە ئۇكرائىنا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى
شانلىئۇرفاغا قاراشلىق قاراخانتەپەدە 11 مىڭ يىللىق ھەيكەل تېپىلدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
ئاق پارتىيەنىڭ 25 يىلى ۋە تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ھەم دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
تۈركىيە پاكىستاننى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ۋە شېھىت يېقىنلىرىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئاسراشتا چىڭ تۇرىدۇ
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»
نەمرۇت تېغىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
مەككە كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ