ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدىترامپ ۋە مودى «مەنپەئەتلەر قىممەت-قاراشلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن» ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى.
00:00
ترامپ ۋە مودى / AA Archive

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەر مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتلىرىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى يېقىنقى يىللاردا ھىندىستاندا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئاغدۇرماقتا. لېكىن يېڭى دېھلى بۇ دوكلاتلارنىڭ «چوڭقۇر بىر تەرەپلىمە قاراش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولدى. ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتا قورال - ياراغ سېتىشتىن تىجارەتكىچە ھەر خىل تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ئەمما جامائەتچىلىككە بەرگەن باياناتلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەر يېقىنقى يىللاردا ۋاشىنگتوندا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭمۇ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سودىنى ئاشۇرۇپ ۋە خىتايغا قارشى بىر شېرىك سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىپ ئېرىشكەن تەسىرىدۇر. ترامپنىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە بۇ يۆنىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىككى رەھبەر ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتلىرىدا، ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھېچ تىلغا ئالمىدى. شۇنداقلا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدىنىمۇ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قىلچە توختالمىدى.

Wilson Center  تەتقىقات مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىنستىتۇتى دىرېكتورى مايكېل كۇگېلمان: «ترامپنىڭ ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە قانداقتۇر بىرەر پوزىتسىيە  تۇتۇشى بەك مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ترامپنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مەنپەئەتنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغانلىقىدۇر، شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدىكى مەسىلىلەرگە بەك ئاز ئورۇن بېرىشىدۇر» دېدى.

سابىق پىرېزىدېنت جو بايدىنمۇ ھىندىستان بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ئانتونى بلىنكېن بەزىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلىگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىدا، يېقىنقى يىللاردا ھىندىستاندىكى يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرى بۇنىڭغا ئاغدۇرۇلماقتا. يېڭى دېھلى بولسا بۇ دوكلاتلارنىڭ «چوڭقۇر بىر تەرەپلىمە قاراش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

Chatham House تەتقىقات ئورنىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى چىيېتىگج باجپايى، مودى بىلەن ترامپنى «كۈچلۈك رەھبەر» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە ھەر ئىككىسىنىڭ ئورتاق چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

Wilson Center  تەتقىقات مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىنستىتۇتى دىرېكتورى مايكېل كۇگېلمان بولسا ترامپ بىلەن مودىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول  ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى