خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسلامئاباد زېلېنىسكىينىڭ «پاكىستانلىق ياللانما ئەسكەرلەر...» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى قەتئىي رەت قىلدى
پاكىستان «پاكىستانلىق ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ رۇسىيە سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى» توغرىسىدىكى دەۋانى ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسلامئاباد زېلېنىسكىينىڭ «پاكىستانلىق ياللانما ئەسكەرلەر...» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى قەتئىي رەت قىلدى
/ Reuters

ئىسلامئاباد ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىينىڭ پاكىستان پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزىنى رەت قىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، پاكىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى «ئاساسسىز ۋە يالغان» دەۋالارنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بۈگۈنگە قەدەر، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاكىستانغا ھېچقانداق رەسمىي مۇراجىئەت قىلىنمىدى ۋە بۇ خىل دەۋالارنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىلمىدى» دېيىلدى.

زېلېنىسكىي دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قىسىملارنىڭ پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن چەت ئەللىك «ياللانما ئەسكەرلەر» بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋوۋچانشىكى فىرونتىدىكى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى يوقلاش جەريانىدا،  X  سۇپىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بۇ سەپتىكى جەڭچىلىرىمىز خىتاي، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىز بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېگەنىدى.

ئەمما ئىسلامئاباد بۇ دەۋالارنى ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان يەنە، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا بولغان ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى