خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
«ئىران ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ۋە نۇرغۇن باشقا نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق پىلانىمىز بار» دېگەن نېتانياھۇ، ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى / AP

ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە بىر ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملاردىن كېيىن، تېھران ئۈستىدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھاۋا كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نېتانياھۇ يەكشەنبە كۈنى تېلېۋىزوردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىران ھاكىمىيىتىنى يوقىتىش ۋە نۇرغۇن باشقا نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق پىلانىمىز بار» دېدى. ئۇ يەنە: «ۋەتەنداشلار، سىلەر ماڭا، ھۆكۈمەتكە ۋە قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزگە ئۇرۇشنى تاكى غەلىبە قىلغۇچە داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى ئېيتىۋاتىسىلەر، بۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەرگە شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالايمەنكى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

قاتىل نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەلىك ۋە ئامېرىكالىق ئۇچقۇچىلار ئېلىپ بارغان بومباردىمان ھەرىكىتى سايىسىدە ئىراننىڭ پايتەختى ئۈستىدە «پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھاۋا بوشلۇقى كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى» ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Large-scale war 'unlikely' to topple Iran's military, clerical structure — intelligence report

ئوتتۇرا شەرقنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى

ئىران خەلقىگىمۇ خىتاب قىلغان نېتانياھۇ، «ھەقىقەت پەيتى» نىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئىسرائىلىيە، 7-ئۆكتەبىر ۋەقەلىرىدىن كېيىن ۋەدە بەرگىنىمىزدەك ئوتتۇرا شەرقنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىمۇ ئۆزگەرتتى» دېدى. نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمەنلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن خەتەرلىك قارارلارنى چىقارغانلىقىنىمۇ دەۋا قىلدى.

28-فېۋرالدىن بېرى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا ھۇجۇملارنى تەشكىللىمەكتە. بۇ ھۇجۇملاردا ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامانىي بىلەن بىرلىكتە بەزى خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. تېھران بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەگە قارىتا نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى باشلىدى. ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئىران يەنە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ۋە ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىنىمۇ نىشانلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى