خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان توقۇنۇشىدىكى ۋاسىتىچىلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى
چېگرادىكى ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان جىددىيچىلىكتىن كېيىن، ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل يەكشەنبە كۈنى دوھادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.
خىتاي تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان توقۇنۇشىدىكى ۋاسىتىچىلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى
خىتاي تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتىكى ۋاسىتىچىلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى / Reuters

خىتاي دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ۋاسىتىچىلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جيەنكۈن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا: «پاكىستانمۇ، ئافغانىستانمۇ خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى دوست دۆلەتلىرى ۋە قوشنىلىرىدۇر، بۇ ئىككى دۆلەت مەڭگۈ بىر-بىرىنىڭ قوشنىسى بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ۋاسىتىچىلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاتار بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر جەريانىدا، ئىسلامئاباد بىلەن كابۇل يەكشەنبە كۈنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. بۇ نەتىجە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئادەم ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چېگرا جىددىيچىلىكىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېيىنكى قەدەملىك تەپسىلىي سۆھبەت 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

باياتچى گو، خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ «ئىختىلاپلارنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» تەكىتلەپ: «خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشقا تەييار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى