خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران دۇنياغا يادرو قورالنىڭ پېيىدە ئەمەسلىكىگە دائىر كاپالىت بېرىشكە تەييار
پېزەشكىيان ئىرانلىق مۇزاكىرىچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ «شەرىپى ۋە غۇرۇرىدىن» ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران دۇنياغا يادرو قورالنىڭ پېيىدە ئەمەسلىكىگە دائىر كاپالىت بېرىشكە تەييار
ئىران دۇنياغا يادرو قورالنىڭ پېيىدە ئەمەسلىكىگە دائىر كاپالىت بېرىشكە تەييار / Reuters

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پېزەشكىيان دۆلىتىنىڭ يادرولۇق قورال ياكى رايوندا مۇقىمسىزلىق يارىتىشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە كاپالەت بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پېزەشكىيان: «ئىراننىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەلى خامەنېنىڭ شاھادىتىدىن ئىلگىرىمۇ ئېلان قىلغان ئىدۇق، ھازىرمۇ تەكرارلايمىز: دۇنياغا يادرو قورالنىڭ پېيىدە ئەمەسلىكىمىز توغرىسىدا كاپالەت بېرىشكە تەييارمىز» دېدى.

پېزەشكىيان رايونلۇق مۇقىمسىزلىقنى ئەسلى تېل ئاۋىۋنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنى «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» تەسەۋۋۇرىغا ئەگىشىش بىلەن ئەيىبلىدى.

پېزەشكىيان ئىرانلىق مۇزاكىرىچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ «شەرىپى ۋە غۇرۇرىدىن» ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران، 28-فېۋرالدا ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان ۋە ئارقىدىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىر ۋاقىتتا پارىس قولتۇقتىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى نىشانل قىلغان ئۆچ ئېلىشلىرى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى بىلەن داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر كېلىشىمگە تېخىمۇ يېقىنلاشقاندەك كۆرۈنمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو، پىرېزېدېنت دونالد ترامپنىڭ كېلىشىمنىڭ «زور دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى» ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ پات يېقىندا «ياخشى خەۋەرلەرگە» ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ باياناتىدىن ئىلگىرى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقائى، ۋاشىنگتون بىلەن «يېقىنلىشىشقا قاراپ بىر يۈزلىنىش» بارلىقىنى ئېيتقان، ئەمما «بۇ، ئامېرىكا بىلەن مۇھىم مەسىلىلەردە مۇتلەق كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى.

رايوندىكى جىددىيچىلىكلەر، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن بۇيان يۇقىرى ئۆرلىگەن ئىدى. تېھران دائىرىلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن بىر ۋاقىتتا پارىس قولتۇقتىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەمدە ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدى.

پاكىستان ۋاسىتىچىلىقىدا 8-ئاپرېلدا كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش، كېيىنچە ترامپ تەرىپىدىن مۇددەتسىز ئۇزارتىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran blames top US diplomat for 'distorting reality' amid peace talks
ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ