ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر يېزىنىڭ يولىنى تاقاپ، 47 ئائىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر يېزىنىڭ يولىنى تاقاپ، 47 ئائىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتىئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خىربەت راس ئەلئەھمەر يېزىسىغا تۇتىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قاتناش يولىغا ئۆستەڭ كولاپ توسۇۋېلىپ، پەلەستىنلىك 47 ئائىلىنى سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويدى.
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر يېزىنىڭ يولىنى تاقاپ، 47 ئائىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتتى / Reuters

يېزىنىڭ ئەتراپى ئۆستەڭلەر، تاملار ۋە يېپىق ھەربىي رايونلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بازارلار ۋە سىرتتىن كېلىدىغان ياردەملەر بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا، تۇباسنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كىچىك پەلەستىن يېزىسى خىربەت راس ئەلئەھمەرگە تۇتىشىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قاتناش يولىنىمۇ توسۇۋېلىپ، 47 پەلەستىنلىك ئائىلىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئائىلىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قويدى.

يېزا ئاھالىلىرىدىن تائىر باشارات شەنبە كۈنى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەڭ ئاخىرقى يولنىڭ توسۇۋېلىنىشىنىڭ «يېزىغا تۇتىشىدىغان بارلىق توپا يوللارنىڭ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تاقاق تۇتۇلۇشى» دىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باشارات مۇھاسىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ يىلدىن بۇيان بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بەش كۈن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېزىغا بارىدىغان ئەڭ ئاخىرقى يولغا ئۆستەڭ كولىۋېلىشى بىلەن ۋەزىيەتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يولدىن پەقەت چارۋا ماللار ۋە دېھقانچىلىق تىراكتورلىرىلا ئۆتەلەيتتى.

باشارات يېزىنىڭ ئۆستەڭلەر، تاملار ۋە ھەربىي رايونلار بىلەن قورشالغان بىر «قەپەس» كە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«يېزىدىكى 47 ئائىلە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھازىر ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياكى چارۋا يەملىرىنى يېزىغا ئېلىپ كېلەلمەيۋاتىدۇ.»

باشارات يېزىدىكى چارۋىچىلارنىڭ تەخمىنەن 360 مىڭ دونۇم يەرنى ئوتلاق سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ % 90 نىڭ يا مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ياكى كىرىش مەنئىي قىلىنغانلىقىنى، چارۋىچىلارنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ خىل بېسىمى يېزىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا مەجبۇرلاشنى نىشان قىلىدۇ.»

2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەدە باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى 1967-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ