سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بوسنىيەلىك سېرب رەھبەر غەلىبە قىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بوسنىيەلىك سېرب رەھبەر غەلىبە قىلدىسېربىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بوسنىيەلىك سېرب رەھبەر سىنىسا كاران %50.89   ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلدى.
سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بوسنىيەلىك سېرب رەھبەر غەلىبە قىلدى / Reuters

دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، سىنىسا كاران %50.89، برانكو بلانۇسا بولسا %47.81 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادىكى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان رەھبىرى مىلوراد دودىكنىڭ پارتىيەسىدىن بولغان نامزات، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، دەسلەپكى رەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسەن غەلىبە قىلدى.

مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان نەتىجىلەرگە قارىغاندا، سىنىسا كاران % 50.89 ئاۋازغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 47.81%  ئاۋازغا ئېرىشكەن رىقابەتچىسى برانكو بلانۇسانى يېڭىپ غەلىبە قىلغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار، سايلام ساندۇقلىرىنىڭ تەخمىنەن 93 پىرسەنتىنىڭ ئېچىلىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغان.

2023-يىلى دېكابىردا، دودىك بىر يىللىق قاماق ۋە ئالتە يىل سىياسىي پائالىيەتتىن چەكلەش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا سوت مەھكىمىسى بۇ جازانى جەرىمانە جازاسىغا ئۆزگەرتكەن ئىدى.

جازادىن كېيىن، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا مەركىزىي سايلام كومىتېتى دودىكنى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن بىردەك ئاۋاز بىلەن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى