تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىھىيە (Sıhhiye) كامپۇسى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا تون كىيدۈرۈلۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى تەقدىم قىلىندى.

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋ مۇراسىمدىكى سۆزىدە: «پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى پەقەت شەخسىمگە

قىلىنغان بىر ئېھتىرام دەپلا ئەمەس، بەلكى تۈركمەنىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق رىشتىلىرىنى مۇستەھكەملەش يولىدا كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارغا بېرىلگەن يۈكسەك باھا دەپ بىلىمەن» دېدى.

بۇ ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىنىڭ تارىخىي ۋە مەنىۋى يېقىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بەردىمۇھەممەدوۋ، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپنىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈچلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ئىلمىي ئۇتۇقلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىش ۋە جەمئىيەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشنىڭ غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دۇنيانىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان مەسىلىلەرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بەردىمۇھەممەدوۋ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سۈپەتلىك تەلىم-تەربىيە بېرىش، ئىلمىي مەنبەلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ياشلارنىڭ تالانتىنى بايقاش ۋە دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس بىلىم-ماھارەتلەرنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلەر قاتارىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركمەنىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورتاق تارىخىي ئۆتمۈشكە، مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلارغا تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى خەلقنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ، ئورتاق قىممەتلىرىنى قوغداپ ۋە ياشىتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ تارىخىي مىراسنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بەردىمۇھەممەدوۋ، ئورتاق خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈشكە تۆھپە قوشۇپلا قالماي، خەلقلەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىدا تەھسىل كۆرۈۋاتقان تۈركمەنىستانلىق ياشلارنىڭ ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتىپ، تۈركمەن ياشلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشى ئۈچۈن يارىتىپ بېرىلگەن پۇرسەت ۋە شارائىتلاردىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 17.11.2026
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر 16 - نويابىر دۈشەنبە
تۈركىيە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 38 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئىران فىرانسىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ «ساختا بايراق» (سۇيىقەست) تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىققا چاقىرىدى
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى جېنسېن خۇاڭ جاسۇسلۇق سەتچىلىكى مەسىلىسىدە سودا مىنىستىرلىقىنى تەنقىد قىلدى
ئېيسېنكات نېتانياھۇنى بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرۇش چاقىرىقى ئارقىلىق «ھىيلە ئىشلىتىش» بىلەن ئەيىبلىدى
غەززەدە ئومۇمىي قازا قىلغانلار سانى 74 مىڭ 695 كە يەتتى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
پۇتىن، شى جىنپىڭ ۋە تىرامپ 19-نويابىردا شېنجېندا ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ
تۈركىيە بىلەن قاتار رەھبەرلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇچرىشىشىدا تارىخىي مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
رۇسىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى «سەمىمىي بولۇش» شەرتىگە باغلىدى
مىكروسوفت يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئەپۇ سورىدى
ئەردوغان COP31 يىغىنىدا سەككىز دۆلەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى
گېرمانىيە ئۇكرائىناغا 200 مىليون ياۋرو قىشلىق ياردەم بېرىدۇ
رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدە  يۈز بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى