سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاراقچى: قاتارلىق مۇرەسسەچىلەرگە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق، ئامېرىكانىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى يادرو مەسىلىسىدە يول قويۇشنىڭ يوقلۇقىنى، سۆھبەتلەرنىڭ پەقەت ھورمۇز بوغۇزىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاخىرقى جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاراقچى: قاتارلىق مۇرەسسەچىلەرگە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق، ئامېرىكانىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز
ئاراقچى: قاتارلىق مۇرەسسەچىلەرگە تەكلىپلىرىمىزنى سۇندۇق، ئامېرىكانىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى قاتارلىق مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا سۇنغان تەكلىپلىرىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يادرو مەسىلىسىدە ھېچقانداق يول قويۇش بولمىغانلىقىنى ۋە سۆھبەتلەرنىڭ پەقەت ھورمۇز بوغۇزىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاراقچى نىيۇ يوركتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا ئامېرىكا بىلەن مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشلار ھەققىدە توختالغان. قاتارلىق مۇرەسسەچى دائىرىلەر بىلەن تۈنۈگۈن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاراقچى، ئىراننىڭ شەرتلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا قارىتا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئاخىرقى جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«قاتار بۇ پىكىرلەرنى ئامېرىكاغا سۇنىدۇ، بىز سەيشەنبە كۈنىگىچە جاۋاب كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جاۋاب كەلگەندىن كېيىن، تېھراندا قارار چىقىرىلىدۇ.»

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئىران يادرو مەسىلىسىدە يول قويىدۇ» دېگەن خەۋەرلەرنى رەت قىلغان ئاراقچى: «ئىراننىڭ پوزىتسىيەسى ئەسلا ئۆزگەرمىدى، بۇ مەسىلىدە (يادرو مەسىلىسىدە) ھېچقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمىدى. نۆۋەتتىكى مۇنازىرىلەر ھورمۇز بوغۇزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى. ئاراقچى يەنە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ پەقەت ئامېرىكا ئىراننىڭ شەرتلىرىنى ئورۇندىغان تەقدىردىلا ئېچىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى خامەنېينىڭ شەرتلىرى بارلىقىنى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ مۇشۇ شەرتلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئاراقچى: «ئىراننىڭ شەرتلىرى پۈتۈنلەي ئادىل ۋە لوگىكىلىقتۇر. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ كېلىشىم تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ياكى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، بىز شۇ ھەل قىلىش يولىنى سۇنىمىز» دېدى. ئاراقچى ئىراننىڭ دىپلوماتىيەگىمۇ، ئۇرۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى تەكرارلاپ: «ئىران ئىزچىل ئۇرۇشقا تەييار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ھەربىي جەھەتتىن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئىراننىڭ ئېيتىدىغان سۆزى بار ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئۆز لوگىكىسىغا ئۇيغۇن يول ئاچىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ