تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن قاتاردا
قاتار ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ دوھادا ھاماس رەھبەرلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمىغا جاۋابەن، باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
ئەردوغان ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن قاتاردا
/ AA

 بۇ ھۇجۇمدا بەش ھاماس ئەمەلدارى ۋە قاتارلىق بىر بىخەتەرلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى قاتاردا زىيارەتتە بولماقتا. ئەردوغان بۇ زىيارەت دائىرىسىدە، ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ دوھاغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن چاقىرىلغان ئەرەب-ئىسلام باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتىدە، ئۇنىڭغا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن، ئەردوغاننىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغىتاي قىلىچ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى خالىت يەرەباقان قاتارلىقلار ھەمراھ بولماقتا.

دوھادىكى ئەرەب-ئىسلام باشلىقلار يىغىنى رايوندىكى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى بىر يەرگە جەم قىلماقتا.

 يىغىن ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ھاماس رەھبەرلىرىنى نىشان قىلغان ۋە بەش ھاماس ئەمەلدارى بىلەن قاتارلىق بىر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمىغا جاۋابەن قاتار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇررەھمان ئەلسانى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمدى قوش ئۆلچەم قوللىنىشنى توختىتىپ، سادىر قىلغان بارلىق جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنى جازالىشى كېرەك.

دەرۋەقە بۇ ھاكىمىيەت قاتار، لىۋان، ئىراق، ئىران ۋە يەمەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، خالىغىنىنى قىلىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتىدۇ.»

قاتار ئامېرىكا ۋە مىسىر بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە تەخمىنەن 65 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئائىت سۆھبەتلەردە مۇرەسسەچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - قاتار: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تىنچلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە تەھدىت سالماقتا

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى