سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
گېرمان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سابىق ياردەمچىسى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
خىتاي تەرەپ جاسۇسلۇق ئەيىبلەشلىرىنى «خىتايغا بەدنام قىلىش ۋە ھەمكارلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي غەرەزلىك ھەرىكەت» دەپ ئاتىدى.
گېرمان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سابىق ياردەمچىسى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
/ Reuters
2025-يىلى8-ئاينىڭ5-كۈنى

سەيشەنبە كۈنى (بۈگۈن) گېرمانىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىككى گۇماندارنى سوتلاشنى باشلايدۇ. گۇماندارلارنىڭ بىرى ئاشقۇن ئوڭچىل پارلامېنت ئەزاسى ماكسىمىلىيان كراھنىڭ سابىق ياردەمچىسى ئىكەن.

گېرمانىيە پۇقراسى بولغان ۋە كىملىكى قىسمەن «جيەن گ.» دەپ ئاشكارىلانغان بۇ كىشىنىڭ 2002-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسىغا ئىشلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ، ئۇنىڭ 2019-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» (AfD) پارتىيەسىدىن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بولغان كراھنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

درېسدېندىكى تەپتىشلەر جيەن گ. نى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇنازىرە ۋە قارارلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سىرتقا چىقىرىش، شۇنداقلا بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەرنى ھەمبەھرىلەش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە گېرمانىيە قورال-ياراغ سانائىتى ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەشنى نىشان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي پۇقراسى ياچى ش. ئىسىملىك ئىككىنچى بىر جاسۇسقا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەنمۇ ئەيىبلەنمەكتە.

ئۇنىڭ يەنە «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلىرى ھەققىدە ئىستىخبارات توپلىغانلىقى ۋە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى كۆزەتكەنلىكىمۇ ئەيىبنامىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پوزىتسىيەدە كۆرسىتىپ، ئۆكتىچىلەر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىككىنچى گۇماندار ياچى ش. لېيپزىگ ئايرودۇرۇمىدا ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان بولۇپ، جيەن گ. نىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە يولۇچىلار ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىقى مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى توشۇيدىغان ھەربىي ئايروپىلانلار ۋە «گېرمانىيە قورال-ياراغ شىركىتى بىلەن ئالاقىسى بار شەخسلەر» گە مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياچى ش. نىڭ بولۇپمۇ لېئوپارد تانكىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىدىغان ۋە لېيپزىگ ئايرودۇرۇمىنى يۈك توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «Rheinmetall» گۇرۇھىغا ئوخشاش چوڭ قورال-ياراغ شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەشنى نىشان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھەر ئىككى گۇماندار ئۆتكەن يىلى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. شۇنداقلا، بۇ دېلونىڭ جيەن گ. نىڭ «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسى ھەققىدە توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى بىلەن پارتىيەنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ ئىنكاسى:  كۆپتۈرۈلگەن ئەيىبنامە

ئۆتكەن يىلى ئاشقۇن ئوڭچىل بىر ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ياردەمچىسى قولغا ئېلىنغاندا، بېيجىڭ گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە «بەدنام قىلىش ۋە باستۇرۇش»نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئەينى ۋاقىتتا مۇخبىرلارغا: «ياۋروپادا خىتاينىڭ ئاتالمىش جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى توقۇلمىلار پۈتۈنلەي ئاساسسىز بولۇپ، خىتايغا بەدنام چاپلاش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە: «بىز بۇ خىل مۇبالىغىلەشتۈرۈشلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئاتالمىش ‹خىتاي جاسۇسلۇق تەھدىتى› نەزەرىيەسىنى كۆپتۈرۈشنى، سىياسىي ئويۇن ئويناشنى ۋە خىتايغا قىلىنىۋاتقان يامان غەرەزلىك تۆھمەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

«گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسىدىكى «ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى»

گېرمانىيەنىڭ «دەر شىپىگېل» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر جيەن گ. نىڭ كراھ ۋە «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسىنىڭ باشقا سىياسىيونلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ سۆھبەتلەردە ئۇلار پارتىيەنىڭ ئورتاق رەئىسى ئەلىس ۋېيدېلنىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ مەنسەپدىشى تىنو خرۇپاللا بىلەن ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنى تېما قىلغان.

كراھ بولسا ژۇرنالغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ جيەن گ. بىلەن بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەرگىز مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كراھ ئۆتكەن يىلقى ياۋروپا سايلىمىدا «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» پارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق نامزاتى بولغان، ئەمما ناتسېستلارنىڭ «SS» تەشكىلاتىنىڭ جىنايەتلىرىنى يېنىك چاغلاپ سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. لېكىن ئۇ بۇ يىلقى گېرمانىيە ئومۇمىي سايلىمى ئۈچۈن پارتىيەگە قايتا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ھازىر پارتىيەنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى ئەزالىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

بۇ قېتىمقى سوتنىڭ سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، كراھمۇ گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا چاقىرتىلغان.

كراھ يەنە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى بولغان مەزگىلدە پۇل يۇيۇش ۋە چىرىكلىك جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن درېسدېن تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

«دەر شىپىگېل» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كراھ 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جيەن گ. بىلەن ئالاقىسى بار شىركەتلەردىن 50 مىڭ ياۋرو (57 مىڭ 900 دوللار) دىن ئارتۇق پۇل تاپشۇرۇۋالغان.

كراھ ئۆزىگە قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، بۇلارنىڭ «سىياسىي غەرەزلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىزدىنىڭ
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى
مىسىر ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى 2026-يىللىق يول خەرىتىسى