سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي ترامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلدى
ئامېرىكا-كانادا مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى سەزگۈر بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قايتا سايلانغان كانادا رەھبىرى بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشۈشكە، ھەر ئىككى تەرەپ كەسكىن سۆھبەتلەرگە تەييارلانماقتا.
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي ترامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلدى
Carney arrives in Washington ahead of high-stakes talks with Trump on Tuesday. / AP

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكاغا كەلدى. ترامپنىڭ كاناداغا قارشى سودا ئۇرۇشى ۋە كانادانى ئامېرىكاغا قوشۇۋېلىش تەھدىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ زىيارەت كارنېينىڭ لىبېرالىستلار پارتىيەسىنى ئارقىمۇئارقا تۆتىنچى قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلدۇرۇپ بىر ھەپتە كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

كارنېي سەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ترامپ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

28-مارت كۈنى ترامپ كارنېي بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، كانادانىڭ يېقىنلىشىۋاتقان سايلىمىدىن كېيىنلا كانادا رەھبىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، سىياسەت، سودا ۋە باشقا بارلىق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە كانادا ئۈچۈن ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 

جىددىيچىلىك ئاستا-ئاستا كۈچەيمەكتە

 

ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن كانادادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ قىسمىغا %25، كانادانىڭ ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا %10 تاموژنا بېجى قويغانىدى.  

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ كانادانىڭ ياغاچ، سۈت، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى توغرىسىدا  كاناداغا تەھدىت سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادانى «51-ئىشتات» دەپ تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.

كانادا بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرى ۋە زاپچاسلىرىغا %25 نىسبىتىدە تاموژنا باجى قويدى. باش مىنىستىر مارك كارنېي سودا سۆھبەتلىرىنى كانادانىڭ شەرتلىرى ئاساسىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەھدە قىلدى.

ئونتارىيو ئۆلكىسىنىڭ قارشى تەدبىر سۈپىتىدە توكتىن قوشۇمچە باج ئېلىشنى توختىتىشى ترامپنىڭ كانادانىڭ مېتال مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تاموژنا بېجى قويۇشىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئەمما ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سودا جىددىيچىلىكى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى