تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «بىز مۇسۇلمانلار شەرقىي قۇددۇس ئۈستىدىكى ھوقۇقىمىزدىن بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز»
ئەردوغان: «مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي قۇددۇس ئۈستىدىكى ھوقۇقىمىزدىن بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز» دېدى.
ئەردوغان: «بىز مۇسۇلمانلار شەرقىي قۇددۇس ئۈستىدىكى ھوقۇقىمىزدىن بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز»
ئەردوغان: «بىز مۇسۇلمانلار شەرقىي قۇددۇس ئۈستىدىكى ھوقۇقىمىزدىن بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز» / AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ۋە ئادالەت ئۈچۈن قەتئىي تىك تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىي ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچ كەلگەن پەلەستىنلىكلەرگە ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىشكە ۋەدە بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەرقىي قۇددۇس ئۈستىدىكى ھوقۇقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئەنقەرەدىكى يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا: «بىز يەر يۈزىدىكى بىر تۇغ، ھەيۋەتلىك چىنار دەپ قارايدىغان قۇددۇس شەرىفنىڭ ناپاك قوللار تەرىپىدىن بۇلغىنىشىغا يول قويمايمىز. بىلىمەنكى، ھىتلېرغا ئۆزىنى ئوخشىتىۋالغانلارنىڭ بۇ ئاچچىقى بەلكىم ھەرگىز تۈگىمەسلىكى مۇمكىن» دېدى.

ئەردوغان قۇددۇسنى مەككە ۋە مەدىنە بىلەن بىر قاتاردا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس مەنىۋى مەركەز دەپ ئاتاپ، 1967-يىلىدىكى چېگرا ئاساسىدا شەرقىي قۇددۇس پايتەخت بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ: «ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىي ھۇجۇملىرى ئاستىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان غەززەدىكى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرۇشىمىزغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان شەھەرنىڭ مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى تارىخىنى ئەسكەرتىپ، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ھوقۇقىغىمۇ ھۆرمەت قىلىنىدىغان بىر تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ماكانىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ «تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك شەھىرى» بولۇشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرىشىنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىش

جۇمھۇر رەئىس ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيەنى رايوندا مۇقىمسىزلىقنى قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ: «زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ۋەھشىيلىك ۋە بىگۇناھ بالىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆزلىرىگە بىخەتەر كەلگۈسى بەرپا قىلىمىز دەپ ئويلايدىغانلار تارىختىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ، ئۆزلىرى تۆككەن قانغا غەرق بولىدۇ» دېدى.

ئەردوغان سۈرىيەدىن يەمەنگە، لىۋاندىن قاتارغىچە ئىسرائىلىيە قاراقچىلىقىنىڭ نىشانى بولغان خەلقلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا قەسەم قىلىپ: «جىددىيچىلىكتىن ئوزۇقلىنىدىغانلار، رايونىمىزنى قانغا بويىماقچى بولغانلار، جۇغراپىيەمىزدە مۇقىمسىزلىقنى قۇترىتىدىغانلارغا قارشى تارىختىكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ ئاللاھ خالىسا قەددىمىزنى تىك تۇتىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەەە قاراتقان ھالدا: «جىنايەتچى مەيلى تەشكىلات بولسۇن، مەيلى دۆلەت بولسۇن، تېررورلۇق ۋە قىرغىنچىلىق بىر ئەىلگە سېلىنغان قۇلۇپتۇر. رايونىمىزنى ئەسىرگە ئالغان بۇ قانلىق قۇلۇپ ئاللاھ خالىسا ئاخىرىدا چوقۇم سۇندۇرۇلىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىرگە كۆپلىگەن كرىزىسلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. ئۇ بالقاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، ئافرىقىدىن لاتىن ئامېرىكىسىغىچە ۋە ياۋروپادىن ئاسىيا - تىنچ ئوكيانغىچە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى تەكىتلىدى. «تۈركىيە كۈچلۈك ھەقلىق بولىدىغان ئەمەس، ھەقلىق كۈچلۈك بولىدىغان بىر دۇنياغا ئىشىنىدۇ ۋە شۇنداق بىر دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا» دېدى.

ئەردوغان مۇقىملىقنى قوغداش، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈللىنىشنى ئاشۇرۇش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشنى تاشقى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى قاتارىدا تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلقئارا سەھنىلەردە ھوقۇقىنى قوغداشتا ئىتتىپاقداشلىرىغا بەرگەن قوللىشىنى ئەسلەتتى.

ئەردوغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تارىخىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، مىنىستىرلىقنى «تۈرك بىيۇروكراتىيەسىنىڭ كۆز قارىچۇغى» دەپ ئاتىدى.

ئۇ ئېكولوگىيەلىك ۋە ئېستېتىك جەھەتتىن لايىھەلەنگەن يېڭى مىنىستىرلىق بىناسىنىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ۋە پايتەخت ئەنقەرەگە يېڭى بىر سىلوفېت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ بىنا تۈرك دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەسلىمىسى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىنى بىر ئۆگزە ئاستىدا جەم قىلىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىراق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئوت كەتتى
پەزەشكىيان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىراننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن چىكىنىش سىگنالىنى بېرىشى بىلەن FIFA باشقا تاللاشلار ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا
ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلانمىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىتنى قويۇپ بېرىدىكەن
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىچە، ئىران ھۆكۈمىتى يېقىلىش خەۋپىدىن خېلىلار يىراق ئىكەن
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئەندىشىلىرى تۈپەيلىدىن نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 100 دوللاردىن ئاشتى
رۇسىيە بريانسك ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىنا بىلەن ئەنگلىيەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 3400 نىشانغا قارىتا 6000 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى