خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كولومبىيەدە ئايروپىلان قازاسىدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
كولومبىيەدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان قازاسىدا پارلامېنت ئەزاسى دىئوگېنېس كۇئىنتېرو ۋە پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى كارلوس سالسېدونى ئۆز ئىچىگە ئالغان  15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
كولومبىيەدە ئايروپىلان قازاسىدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
كولومبىيەدە ئايروپىلان قازاسىدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

كولومبىيەنىڭ پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كولومبىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا چېگراسىغا يېقىن بىر رايونىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان قازاسىدا بىر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

كولۇمبىيە دۆلەتلىك «ساتېنا» (Satena) ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئايروپىلان چارشەنبە كۈنى چۈشۈپ كەتكەن چاغدا، ئۇنىڭدا 13 يولۇچى ۋە ئىككى ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى.

ئايروپىلان چېگرا شەھىرى كۇكۇتادىن قوزغالغان بولۇپ، چۈش مەزگىلىدە قونۇشى مۆلچەرلەنگەن يېقىن ئەتراپتىكى ئوكانا يېزىسىغا يېتىپ بېرىشتىن سەل ئىلگىرى كۆزىتىش مۇنارى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى قازادا «ھايات قالغانلارنىڭ يوقلۇقىنى» ئۇقتۇردى.

 تاغلىق رايون بولغان كۇكۇتا رايونى ھاۋا رايىنىڭ تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى بىلەن تونۇلىدۇ. مەزكۇر رايوننىڭ بەزى قىسىملىرى يەنە كولومبىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىزان گۇرۇپپىسى بولغان «مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى» (ELN) تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ.

دائىرىلەر ئايروپىلان خارابىلىكىنى ئىزدەش ۋە جەسەتلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بىر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىر پارلامېنت ئەزاسى نامزاتىنىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. قازاغا ئۇچرىغان ئايروپىلان «Beechcraft 1900» تىپلىق قوش موتورلۇق ئايروپىلان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى