تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «2025-يىللىق تۈركىيە دوكلاتى»نى رەت قىلدى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 17-ئىيۇندىكى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان «2025-يىللىق تۈركىيە دوكلاتى»نى كەسكىن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ رەت قىلدى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «2025-يىللىق تۈركىيە دوكلاتى»نى رەت قىلدى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 17-ئىيۇندىكى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان «2025-يىللىق تۈركىيە دوكلاتى» غا ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دوكلاتتىكى باھالاشلارنى كەسكىن رەت قىلدى. مىنىستىرلىق باياناتىدا، دوكلاتتا تۈركىيەگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر بىلەن بىرگە، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىرادىسىگە ۋە ئارالدىكى نۆۋەتتىكى رېئاللىقلارغا كۆز يۇمۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئاپپاراتلىرى، دېموكراتىك قۇرۇلمىسى ۋە خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە، مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. دوكلاتتا قىبرىس تۈركلىرىنىڭ پەقەت «ئارالدىكى قانۇنلۇق بىر جامائەت» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشىنىڭ ۋە تۈركىيەنى «قىبرىس تۈركلىرىگە سىياسىي بوشلۇق يارىتىپ بېرىش»كە چاقىرىشىنىڭ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شۇنداقلا خەلقنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يوققا چىقارغانلىق بولىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ فېدېراتسىيەنى ئاساس قىلغان ھەل قىلىش مودېلىنى بىردىنبىر تاللاش سۈپىتىدە تېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنىڭ ئارالدىكى سىياسىي ۋە ئەمەلىي رېئاللىقلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى؛ شۇنداقلا، رۇم تەرەپنىڭ مۇرەسسە قىلماسلىق پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ئۈنۈمىنى يوقاتقان بىر مۇزاكىرە مودېلىنىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشىنىڭ، ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرىغا ھېچقانداق تۆھپە قوشالمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىق يەنە ئاقيار، پىلە ۋە ماراش رايونلىرى، مۈلۈك ھوقۇقى، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ قىبرىستىكى مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار باھالاشلارنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە رېئاللىقتىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا كومىتېتىغا يېڭىدىن بىر قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى تەيىنلەش ھەققىدىكى چاقىرىقنىڭمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2004-يىلى قىبرىس تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يەكلەش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىمىغانلىقى، ئەكسىچە رۇم تەرەپنى قوللايدىغان بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيە تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتلىرى ئارالدىكى ئەمەلىي رېئاللىقلارنى ئاساس قىلغان، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىگە ۋە تەڭپۇڭ خەلقئارالىق سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان تېخىمۇ ئادىل پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى تۈركىيە بىلەن تولۇق ماسلاشقان ھالدا، خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە تەڭپۇڭ خەلقئارالىق سالاھىيەت كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ