چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى كونگودا 6 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئېبولا يۇقۇمىغا ئالاقىدار يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى.
كونگودا رويخەتكە ئېلىنغان ئىككىنچى چوڭ ئېبولا يۇقۇمىنىڭ تېخىچە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنمىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان دوكلاتتا، مۇداخىلە خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىنغان زور مەنبەلەر بىلەن بىمارلارغا، نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەرگە ۋە ئاممىغا ئەمەلىيەتتە يېتىپ بارغان ياردەملەر ئوتتۇرىسىدا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
دوكلاتتا: «مەۋجۇت مەنبەلەرنىڭ، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايلاردا ئۈنۈملۈك ۋە ماسلاشقان پائالىيەتلەرگە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن يۈز مىليونلىغان دوللار قىممىتىدە مەبلەغ تەمىنلىنىشىگە قارىماي، مۇداخىلىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىدىكى ھالقىلىق يېتەرسىزلىكلەر داۋاملاشماقتا. بۇ ئەھۋال يۇقۇمنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ۋە ھايات قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرىغا دەخلى يەتكۈزمەكتە» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.
يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 11 مىڭدىن، ئادەم ئۆلۈش سانىنىڭ 5 مىڭدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى قىلىندى.
دوكلاتتا يەنە: «كونگو ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرى، نۆۋەتتە سەپەرۋەر قىلىنغان مەنبەلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بىر مۇداخىلىگە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ، نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىشنى، نەق مەيداندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنىڭ مۇۋاپىق شەكىلدە تەربىيەلىنىشىنى، مائاشلىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى، زۆرۈر ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىنىشىنى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



















