خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نېپالدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى چەكلەش سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا كەم دېگەندە 10 كىشى ئۆلدى
ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى مەجبۇرىي تىزىمغا ئالدۇرۇش قائىدىسىگە بولغان نارازىلىق سۈپىتىدە نېپال پارلامېنتى ئەتراپىغا يىغىلغان ئون مىڭلىغان كىشى نامديىش ئۆتكۈزدى.
نېپالدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى چەكلەش سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا كەم دېگەندە 10 كىشى ئۆلدى
نېپالدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى چەكلەش سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا كەم دېگەندە 10 كىشى ئۆلدى / AP

نامايىشتا تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنى ئەيىپلىگەن ناميىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى،

نېپال تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاتماندۇدا ساقچىلار ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، كەم دېگەندە 10 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە نۇرغۇن كىشىنى يارىلاندۇرغان.

دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى چەكلەشكە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چېرىكلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ياشلارنىڭ پارلامېنتقا كىرىشكە ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كاۋچۇك ئوق ئىشلىتىپ ئاممىنى تارقاتقان، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئون مىڭلىغان نامايىشچى فېيسبۇك، X ۋە يۇتۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت نازارەتچىلىكىگە ئېلىنىشى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىنىشى سەۋەبلىك تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى نېپالنىڭ پايتەختىدە كوچىلارغا چىقتى.

نامايىشچىلار تىكەنلىك سىملاردىن ئۆتۈپ پارلامېنت بىناسىنى قورشاۋغا ئالدى ۋە توپىلاڭ ساقچىلارنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلەتتى، ئەمما سانى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن پارلامېنت بىناسىغا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

ۋەزىيەت جىددىيلىكىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ھۆكۈمەت دۈشەنبە كۈنى پارلامېنت، ھۆكۈمەت كاتىبات باشقارمىسى، پرېزىدېنت سارىيى ۋە شەھەرنىڭ مۇھىم رايونلىرىدا كومېندانتلىق قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى.

«ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى چەكلەشنى توختىتىڭ، چېرىكلىكنى توختىتىڭ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئەمەس» دەپ شوئار توۋلىغان ئامما، قىزىل ۋە كۆك رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدەتتى.

دۈشەنبە كۈنىدىكى يىغىلىش ئادەتتە 1995-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە تۇغۇلغانلارنى كۆرسىتىدىغان Z ئەۋلادىنىڭ نامايىشى دەپ ئاتالدى.

ھۆكۈمەت نېپالدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان 20 گە يېقىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىغا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن قايتا-قايتا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. تىزىمغا ئالدۇرمىغان سۇپىلار ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ چەكلەنگەن. TikTok، Viber ۋە باشقا ئۈچ سۇپا بولسا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۈزۈلمەس مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دائىرىلەرنىڭ بۇ قەدىمى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ «لايىقىدا باشقۇرۇلۇشى، مەسئۇلىيەتچان ۋە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىشى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

بۇ لايىھە شىركەتلەرنىڭ دۆلەتتە بىر ئالاقە ئىشخانىسى ياكى ۋەكىل تەيىنلىشىنى مەجبۇرىي قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇ لايىھە تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش قورالى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى كىشىلەرنى تور نامايىشلىرى سەۋەبلىك جازالاشقا ئۇرۇنۇش، دەپ تەنقىد قىلىنماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ لايىھەنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە ئاساسىي ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نېپال 2023-يىلى TikTok ئەپىنى «ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى بۇزۇش، ياخشى نىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش ۋە مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىش» سەۋەبى بىلەن نويابىردا چەكلىگەن ئىدى. ئەمما TikTok باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يەرلىك قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا ۋەدە بېرىشى بىلەن چەكلەش بۇيرۇقى ئۆتكەن يىلى بىكار قىلىنغان ئىدى. 2018-يىلى بولسا شەھۋانىي تور بەتلەرنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانۇن ماقۇللانغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nepal protesters clash with police over ex-deputy premier's fraud charges

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»