سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
پاكىستان ئارمىيەسى تۇنجى «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا «فەئاز» (Fa'az) نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستان «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
پاكىستان ئارمىيەسى تۇنجى «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا «فەئاز» (Fa'az) نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«داۋن» (Dawn) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسى (ISPR) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلىنغان «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا، تۇنجى ياسالغان ھاۋادىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان «فەئاز» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغانلىقى» بايان قىلىنىپ، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم بىر «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق نىشانلاش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى ۋە تېخىمۇ يىراق مۇساپىدىكى نىشانلارغا يېتىپ بارالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «فەئاز پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتتىكى ئەۋرىشىملىكىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ مۇداپىئە قۇدرىتىگە تۆھپە قوشىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى، باش مىنىستىر شاھباز شەرىف، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىر ۋە بىر قىسىم ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ سىناقنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەن- تەتقىقاتچىلارنى ۋە ئىنژېنېرلارنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان ئارمىيەسى 14-ئۆكتەبىردىمۇ (2026) «2-پەتھى» ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى ئۇزارتىلغان نۇسخىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە تارىخىي سۇلەيمانىيە تەككىسى رېمونت قىلىنىپ قايتىدىن ئېچىلدى
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونۇمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
تۈركىيە فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
فىدان ئامېرىكادا ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرلۈك دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولدى
زېلېنسكىي: تۈركىيەدە مۇھىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ