تۈركىيە 2000 كىلومېتىر مۇساپىلىق، سۈنئىي ئىدراكلىق «كامىكازې» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېلان قىلدى
بايكار (Baykar) شىركىتىنىڭ يېڭى K2 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى گۇرۇپپا ھالەتتە ئۆزلۈكىدىن ئۇچالايدۇ، 200 كىلوگىراملىق پارتلاتقۇچ توشۇيالايدۇ ھەمدە قىسقا ياكى تەييارلىقسىز ئۇچۇش يوللىرىدىن قوزغىلالايدۇ.
تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچىسى «بايكار» شىركىتى شەنبە كۈنى دمىترى شوستاكوۋىچنىڭ «2-نومۇرلۇق ۋالسى» ناملىق مۇزىكىسى ھەمراھلىقىدىكى بىر تەشۋىقات فىلىمى ئارقىلىق يېڭى كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى «K2» نى ئېلان قىلدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك سۈنئىي ئىدراك ئاساسىدىكى ئۇچۇش ۋە نىشانلاش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان K2، سۈنئىي ئىدراك قوللايدىغان تەسۋىرىي سېزىم تېخنىكىسى سايىسىدا ئايروپىلان باشقۇرۇش، نىشاننى پەرقلەندۈرۈش ۋە ھۇجۇم جەريانىدا ئۆزلۈكىدىن گۇرۇپپا ھالىتىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتقدارىغا ئىگە.
بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مۇساپىسىنىڭ 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىقى، 200 كىلوگىراملىق پارتلاتقۇچ توشۇيالايدىغانلىقى ۋە ئەڭ يۇقىرى قوزغىلىش ئېغىرلىقىنىڭ 800 كىلوگىرام ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. كۆپ خىل ۋەزىپىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بۇ سىستېمىنىڭ قىسقا ياكى تەييارلىقسىز ئۇچۇش يوللىرىدىن قوزغىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.
دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورت قىلىۋاتقان «بايكار» شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدا تىكتىك دەرىجىلىك «Bayraktar TB2»، يۇقىرى بوشلۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى «Bayraktar Akıncı»، پاراخوتتىن قوزغىلالايدىغان «Bayraktar TB3» ۋە رېئاكتىپ ماتورلۇق «Bayraktar Kızılelma» قاتارلىقلارمۇ بار.