كىرىپتو پۇل سۇپىسى بىنەنسە چوڭ بىر تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇم نەتىجىسىدە، ئوغىرلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە 2 يېرىم مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۈلۈكنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كۈندىلىك سودا مىقدارى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىرىپتو پۇل ئالماشتۇرۇش بازىرى بولغان بۇ شىركەت، بەزى مەھسۇلاتلاردىكى سودىلارنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭغا قارىماي شىركەت: «ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەبلىغى تولۇق بىخەتەر ھالەتتە» دەپ تەكىتلىدى.
بىنەنسەنىڭ سابىق باشقۇرغۇچىسى چاڭپېڭ جاۋ (Changpeng Zhao): «بۇ بىنەنسەگە قىلىنغان بىر تور ھۇجۇمىدەك قىلىدۇ» دېدى.
جاۋ ھازىر گەرچە بۇ گۇرۇھنى باشقۇرمىسىمۇ، كۆپ سانلىق پاي چېكىگە ئىگە پايچىك خوجايىنى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.




















